Surah An-Nahl Verse 94 - Uighur Translation by Shaykh Muhammad Saleh
Surah An-Nahlوَلَا تَتَّخِذُوٓاْ أَيۡمَٰنَكُمۡ دَخَلَۢا بَيۡنَكُمۡ فَتَزِلَّ قَدَمُۢ بَعۡدَ ثُبُوتِهَا وَتَذُوقُواْ ٱلسُّوٓءَ بِمَا صَدَدتُّمۡ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِ وَلَكُمۡ عَذَابٌ عَظِيمٞ
قەدىمىڭلار (ئىسلام دىنىدا) ئىزچىل بولغاندىن كېيىن تېيىلىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن، قەسىمىڭلارنى ئۆز ئاراڭلاردا ئالدامچىلىقنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋالماڭلار، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلىقىڭلار (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلىشتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىڭلار) ئۈچۈن ئازابنى تېتىيسىلەر، (سىلەر ئاخىرەتتە دوزاختا) چوڭ ئازابقا قالىسىلەر