Surah Al-Baqara Verse 125 - Uighur Translation by Shaykh Muhammad Saleh
Surah Al-Baqaraوَإِذۡ جَعَلۡنَا ٱلۡبَيۡتَ مَثَابَةٗ لِّلنَّاسِ وَأَمۡنٗا وَٱتَّخِذُواْ مِن مَّقَامِ إِبۡرَٰهِـۧمَ مُصَلّٗىۖ وَعَهِدۡنَآ إِلَىٰٓ إِبۡرَٰهِـۧمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ أَن طَهِّرَا بَيۡتِيَ لِلطَّآئِفِينَ وَٱلۡعَٰكِفِينَ وَٱلرُّكَّعِ ٱلسُّجُودِ
ئۆز ۋاقتىدا بىز كەبىنى كىشىلەر ئۈچۈن جەم بولىدىغان ۋە تىنچ جاي قىلىپ بەردۇق. (كىشىلەرگە) ماقامى ئىبراھىمنى نامازگاھ قىلىڭلار (يەنى شۇ يەردە ناماز ئوقۇڭلار دېدۇق). ئىبراھىم بىلەن ئىسمائىلغا ئۆيۈمنى (يەنى كەبەمنى) تاۋاپ قىلغۇچىلار، ئېتىكاپتا ئولتۇرغۇچىلار، رۇكۇ قىلغۇچىلار ۋە سەجدە قىلغۇچىلار ئۈچۈن پاك تۇتۇشنى بۇيرۇدۇق