Surah Al-Baqara Verse 144 - Uighur Translation by Shaykh Muhammad Saleh
Surah Al-Baqaraقَدۡ نَرَىٰ تَقَلُّبَ وَجۡهِكَ فِي ٱلسَّمَآءِۖ فَلَنُوَلِّيَنَّكَ قِبۡلَةٗ تَرۡضَىٰهَاۚ فَوَلِّ وَجۡهَكَ شَطۡرَ ٱلۡمَسۡجِدِ ٱلۡحَرَامِۚ وَحَيۡثُ مَا كُنتُمۡ فَوَلُّواْ وُجُوهَكُمۡ شَطۡرَهُۥۗ وَإِنَّ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡكِتَٰبَ لَيَعۡلَمُونَ أَنَّهُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّهِمۡۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَٰفِلٍ عَمَّا يَعۡمَلُونَ
بىز سېنىڭ (كەبە قىبلەڭ بولۇشىنى تىلەپ) قايتا ـ قايتا ئاسمانغا قارىغانلىقىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز. سېنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز. (نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلغىن. (ئى مۆمىنلەر!) قەيەردە بولماڭلار (نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. ھەقىقەتەن كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) بۇنىڭ (يەنى قىبلىنىڭ كەبىگە ئۆزگەرتىلىشىنىڭ) پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشىدىن غاپىل ئەمەس