Surah Al-Baqara Verse 194 - Uighur Translation by Shaykh Muhammad Saleh
Surah Al-Baqaraٱلشَّهۡرُ ٱلۡحَرَامُ بِٱلشَّهۡرِ ٱلۡحَرَامِ وَٱلۡحُرُمَٰتُ قِصَاصٞۚ فَمَنِ ٱعۡتَدَىٰ عَلَيۡكُمۡ فَٱعۡتَدُواْ عَلَيۡهِ بِمِثۡلِ مَا ٱعۡتَدَىٰ عَلَيۡكُمۡۚ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ وَٱعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلۡمُتَّقِينَ
(ئۇرۇش) ھارام قىلىنغان ئاي (ئۇرۇش) ھارام قىلىنغان ئايغا تەڭدۇر (يەنى ئۇرۇش ھارام قىلىنغان ئايلاردا دۈشمىنىڭلار سىلەرگە چېقىلسا، شۇ ئايلاردا سىلەرمۇ ئۇلارغا چېقىلساڭلار بولىدۇ). ھۆرمىتى ساقلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەر تەڭ ـ باراۋەردۇر( يەنى ھۆرمىتى ساقلىنىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى باشقىلار دەپسەندە قىلسا، ئىنتىقام ئېلىش يۈزىسىدىن، سىلەرمۇ ئۇلارنى دەپسەندە قىلساڭلار ھېچ يامىنى يوق). بىراۋ سىلەرگە قانچىلىك چېقىلغان بولسا، سىلەرمۇ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك چېقىلىڭلار؛ ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر