Surah Al-Furqan - Uighur Translation by Shaykh Muhammad Saleh
تَبَارَكَ ٱلَّذِي نَزَّلَ ٱلۡفُرۡقَانَ عَلَىٰ عَبۡدِهِۦ لِيَكُونَ لِلۡعَٰلَمِينَ نَذِيرًا
پۈتۈن جاھان ئەھلىنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇشى ئۈچۈن، بەندىسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى قۇرئاننى نازىل قىلغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر
Surah Al-Furqan, Verse 1
ٱلَّذِي لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَلَمۡ يَتَّخِذۡ وَلَدٗا وَلَمۡ يَكُن لَّهُۥ شَرِيكٞ فِي ٱلۡمُلۡكِ وَخَلَقَ كُلَّ شَيۡءٖ فَقَدَّرَهُۥ تَقۡدِيرٗا
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنىڭ بالىسى يوقتۇر، پادىشاھلىقتا شېرىكىمۇ يوقتۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە) ئۇنىڭغا مۇناسىپ ئۆلچەمنى بەلگىلىدى
Surah Al-Furqan, Verse 2
وَٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ ءَالِهَةٗ لَّا يَخۡلُقُونَ شَيۡـٔٗا وَهُمۡ يُخۡلَقُونَ وَلَا يَمۡلِكُونَ لِأَنفُسِهِمۡ ضَرّٗا وَلَا نَفۡعٗا وَلَا يَمۡلِكُونَ مَوۡتٗا وَلَا حَيَوٰةٗ وَلَا نُشُورٗا
مۇشرىكلار ئاللاھنى قويۇپ، ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان ۋە ئۆزلىرى يارىتىلغان ئىلاھلار (يەنى بۇتلار) غا ئىبادەت قىلدى. ئۇلار (يەنى بۇتلار) ئۆزلىرىدىن بىرەر زىياننى دەپئى قىلالمايدۇ. ئۆزلىرىگە بىرەر پايدىنى كەلتۈرەلمەيدۇ، (باشقىلارنىڭ) جېنىنى ئېلىشقا، (باشقىلارغا) ھايات بېغىشلاشقا ياكى (ئۆلۈكلەرنى) تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولالمايدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 3
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِنۡ هَٰذَآ إِلَّآ إِفۡكٌ ٱفۡتَرَىٰهُ وَأَعَانَهُۥ عَلَيۡهِ قَوۡمٌ ءَاخَرُونَۖ فَقَدۡ جَآءُو ظُلۡمٗا وَزُورٗا
كاپىرلار: «بۇ (يەنى قۇرئان) پەقەت ئۇ (يەنى مۇھەممەد) ئۆزى توقۇغان يالغاندۇر، ئۇنىڭغا ئۇنى توقۇشقا باشقا بىر قەۋم (يەنى ئەھلى كىتاب) ياردەم بەرگەن» دەيدۇ، ئۇلار (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بوھتان چاپلاش بىلەن ئۇنىڭغا) زۇلۇم قىلدى ۋە يالغاننى چاپلىدى
Surah Al-Furqan, Verse 4
وَقَالُوٓاْ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ ٱكۡتَتَبَهَا فَهِيَ تُمۡلَىٰ عَلَيۡهِ بُكۡرَةٗ وَأَصِيلٗا
ئۇلار ئېيتتى: «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ئەپسانىلىرىدۇركى، ئۇلارنى ئۇ يازدۇرۇۋالغان، (ھىفزى قىلىۋېلىشى ئۈچۈن) ئۇنىڭغا ئەتىگەن - ئاخشامدا ئوقۇپ بېرىلىۋاتىدۇ»
Surah Al-Furqan, Verse 5
قُلۡ أَنزَلَهُ ٱلَّذِي يَعۡلَمُ ٱلسِّرَّ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ إِنَّهُۥ كَانَ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
ئېيتقىنكى، «ئۇنى ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى سىرنى بىلىپ تۇرىدىغان ئاللاھ نازىل قىلدى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر»
Surah Al-Furqan, Verse 6
وَقَالُواْ مَالِ هَٰذَا ٱلرَّسُولِ يَأۡكُلُ ٱلطَّعَامَ وَيَمۡشِي فِي ٱلۡأَسۡوَاقِ لَوۡلَآ أُنزِلَ إِلَيۡهِ مَلَكٞ فَيَكُونَ مَعَهُۥ نَذِيرًا
مۇشرىكلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلىپ) ئېيتتى: «بازارلاردا (بىز تاماق يېگەندەك) تاماق يەيدىغان، (بىز ماڭغاندەك) مېڭىپ يۈرىدىغان بۇ قانداق پەيغەمبەر؟ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئاگاھلاندۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ ئۇنىڭغا نېمىشقا بىر پەرىشتە ئەۋەتمىدى
Surah Al-Furqan, Verse 7
أَوۡ يُلۡقَىٰٓ إِلَيۡهِ كَنزٌ أَوۡ تَكُونُ لَهُۥ جَنَّةٞ يَأۡكُلُ مِنۡهَاۚ وَقَالَ ٱلظَّـٰلِمُونَ إِن تَتَّبِعُونَ إِلَّا رَجُلٗا مَّسۡحُورًا
يا ئۇنىڭغا بىر خەزىنە بېرىلمىدى، يا ئۇنىڭغا مېۋىلىرىنى يەيدىغان بىر باغ بېرىلمىدى؟» زالىملار (يەنى كاپىرلار): «سىلەر پەقەت سېھىرلەنگەن بىر ئادەمگە ئەگىشىۋاتىسىلەر» دېدى
Surah Al-Furqan, Verse 8
ٱنظُرۡ كَيۡفَ ضَرَبُواْ لَكَ ٱلۡأَمۡثَٰلَ فَضَلُّواْ فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ سَبِيلٗا
مۇشرىكلارنىڭ سېنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن مىساللارنى كەلتۈرگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلار ئازدى، توغرا يول تاپالمايدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 9
تَبَارَكَ ٱلَّذِيٓ إِن شَآءَ جَعَلَ لَكَ خَيۡرٗا مِّن ذَٰلِكَ جَنَّـٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ وَيَجۡعَل لَّكَ قُصُورَۢا
ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇركى، ئەگەر ئۇ خالىسا ساڭا ئۇلارنىڭ ئېيتقانلىرىدىنمۇ ياخشى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان باغلارنى ۋە چوڭ سارايلارنى ئاتا قىلاتتى
Surah Al-Furqan, Verse 10
بَلۡ كَذَّبُواْ بِٱلسَّاعَةِۖ وَأَعۡتَدۡنَا لِمَن كَذَّبَ بِٱلسَّاعَةِ سَعِيرًا
ياق، ئۇلار قىيامەتنى ئىنكار قىلدى، قىيامەتنى ئىنكار قىلغانلارغا بىز دوزاخنى تەييارلىدۇق
Surah Al-Furqan, Verse 11
إِذَا رَأَتۡهُم مِّن مَّكَانِۭ بَعِيدٖ سَمِعُواْ لَهَا تَغَيُّظٗا وَزَفِيرٗا
دوزاخ ئۇلارنى يىراقتىن كۆرگەن چاغدا، ئۇلار دوزاخنىڭ غەزەپتىن قاينىغان ۋە (ئېشەكتەك) ھاڭرىغان ئاۋازنى ئاڭلايدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 12
وَإِذَآ أُلۡقُواْ مِنۡهَا مَكَانٗا ضَيِّقٗا مُّقَرَّنِينَ دَعَوۡاْ هُنَالِكَ ثُبُورٗا
ئۇلار زەنجىر بىلەن باغلانغان ھالدا دوزاخنىڭ تار يېرىگە تاشلانغان چاغدا، بۇ يەردە ئۇلار (ئۆزلىرىنىڭ) ئۆلۈمىنى تىلەيدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 13
لَّا تَدۡعُواْ ٱلۡيَوۡمَ ثُبُورٗا وَٰحِدٗا وَٱدۡعُواْ ثُبُورٗا كَثِيرٗا
(ئۇلارغا) بۈگۈن سىلەر بىر ئۆلۈمنى ئەمەس، تالاي ئۆلۈملەرنى تىلەڭلار (دېيىلىدۇ)
Surah Al-Furqan, Verse 14
قُلۡ أَذَٰلِكَ خَيۡرٌ أَمۡ جَنَّةُ ٱلۡخُلۡدِ ٱلَّتِي وُعِدَ ٱلۡمُتَّقُونَۚ كَانَتۡ لَهُمۡ جَزَآءٗ وَمَصِيرٗا
ئۇلارغا ئېيتقىنكى، «شۇ (دوزاخ) ياخشىمۇ يا تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان، (كىرگەن كىشى) مەڭگۈ قالىدىغان جەننەت ياخشىمۇ؟» جەننەت تەقۋادارلارغا بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئاخىرى بارىدىغان جايىدۇر
Surah Al-Furqan, Verse 15
لَّهُمۡ فِيهَا مَا يَشَآءُونَ خَٰلِدِينَۚ كَانَ عَلَىٰ رَبِّكَ وَعۡدٗا مَّسۡـُٔولٗا
ئۇلار جەننەتتە خالىغان نېمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ، جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ پەرۋەردىگارىڭدىن ئىشقا ئاشۇرۇش تىلىنىدىغان ۋەدىدۇر
Surah Al-Furqan, Verse 16
وَيَوۡمَ يَحۡشُرُهُمۡ وَمَا يَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ فَيَقُولُ ءَأَنتُمۡ أَضۡلَلۡتُمۡ عِبَادِي هَـٰٓؤُلَآءِ أَمۡ هُمۡ ضَلُّواْ ٱلسَّبِيلَ
شۇ كۈندە ئاللاھ ئۇلارغا قوشۇپ، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرىنى يىغىدۇ. ئاندىن ئاللاھ (ئۇلارغا): «مېنىڭ بۇ بەندىلىرىمنى سىلەر ئازدۇردۇڭلارمۇ؟ ياكى (توغرا) يولدىن ئۇلار ئۆزلىرى ئازدىمۇ؟» دەيدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 17
قَالُواْ سُبۡحَٰنَكَ مَا كَانَ يَنۢبَغِي لَنَآ أَن نَّتَّخِذَ مِن دُونِكَ مِنۡ أَوۡلِيَآءَ وَلَٰكِن مَّتَّعۡتَهُمۡ وَءَابَآءَهُمۡ حَتَّىٰ نَسُواْ ٱلذِّكۡرَ وَكَانُواْ قَوۡمَۢا بُورٗا
(ئىبادەت قىلىنغۇچىلار) ئېيتىدۇ: «ئى ئاللاھ! سەن پاكتۇرسەن، سېنى قويۇپ باشقىلارنى دوست تۇتۇش (يەنى سەندىن باشقىغا چوقۇنۇش) بىزگە (ۋە سېنىڭ مەخلۇقاتىڭدىن ھېچ ئەھەدىگە) لايىق ئەمەس، لېكىن سەن ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا -بوۋىلىرىنى شۇ قەدەر نېمەتكە چۆمدۈردۇڭكى، ئۇلار سېنى ياد ئېتىشنى ئۇنتۇدى. ئۇلار ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدى»
Surah Al-Furqan, Verse 18
فَقَدۡ كَذَّبُوكُم بِمَا تَقُولُونَ فَمَا تَسۡتَطِيعُونَ صَرۡفٗا وَلَا نَصۡرٗاۚ وَمَن يَظۡلِم مِّنكُمۡ نُذِقۡهُ عَذَابٗا كَبِيرٗا
شۈبھىسىزكى، ئىبادەت قىلىنغۇچىلار سىلەرنىڭ (ئۇلارنى مەبۇد دېگەن) سۆزۈڭلارنى ئىنكار قىلدى، (ئى كۇففارلار!) سىلەر (ئۆزۈڭلاردىن ئازابنى) دەپئى قىلىشقىمۇ ۋە (بۇ بالادىن ئۆزۈڭلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا) ياردەم بېرىشكىمۇ قادىر بولالمايسىلەر، سىلەردىن كىمكى (ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بىلەن ئۆزىگە) زۇلۇم قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا بىز (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابنى تېتىتىمىز
Surah Al-Furqan, Verse 19
وَمَآ أَرۡسَلۡنَا قَبۡلَكَ مِنَ ٱلۡمُرۡسَلِينَ إِلَّآ إِنَّهُمۡ لَيَأۡكُلُونَ ٱلطَّعَامَ وَيَمۡشُونَ فِي ٱلۡأَسۡوَاقِۗ وَجَعَلۡنَا بَعۡضَكُمۡ لِبَعۡضٖ فِتۡنَةً أَتَصۡبِرُونَۗ وَكَانَ رَبُّكَ بَصِيرٗا
بىز سەندىن ئىلگىرى ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسىلا ئەلۋەتتە تاماق يەيتتى، بازارلاردا مېڭىپ يۈرەتتى، بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىنىدۇق، سەۋر قىلامسىلەر؟ (يەنى سەۋر قىلىڭلار) پەرۋەردىگارىڭ (سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن سەۋر قىلمىغۇچىلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
Surah Al-Furqan, Verse 20
۞وَقَالَ ٱلَّذِينَ لَا يَرۡجُونَ لِقَآءَنَا لَوۡلَآ أُنزِلَ عَلَيۡنَا ٱلۡمَلَـٰٓئِكَةُ أَوۡ نَرَىٰ رَبَّنَاۗ لَقَدِ ٱسۡتَكۡبَرُواْ فِيٓ أَنفُسِهِمۡ وَعَتَوۡ عُتُوّٗا كَبِيرٗا
بىزگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلمايدىغانلار (يەنى مۇشرىكلار): «نېمىشقا بىزگە پەرىشتىلەر چۈشۈرۈلمەيدۇ، ياكى (بىز نېمىشقا) پەرۋەردىگارىمىزنى كۆرمەيمىز؟» دېيىشتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتتى ۋە تولىمۇ ھەددىدىن ئاشتى
Surah Al-Furqan, Verse 21
يَوۡمَ يَرَوۡنَ ٱلۡمَلَـٰٓئِكَةَ لَا بُشۡرَىٰ يَوۡمَئِذٖ لِّلۡمُجۡرِمِينَ وَيَقُولُونَ حِجۡرٗا مَّحۡجُورٗا
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (ئۆزلىرىنىڭ جېنىنى ئېلىش ئۈچۈن چۈشكەن) پەرىشتىلەرنى كۆرگەن كۈنى گۇناھكارلارغا خۇشخەۋەر بولمايدۇ، پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «(سىلەرگە جەننەت) ھارامدۇر» دەيدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 22
وَقَدِمۡنَآ إِلَىٰ مَا عَمِلُواْ مِنۡ عَمَلٖ فَجَعَلۡنَٰهُ هَبَآءٗ مَّنثُورًا
بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنى ئۇچۇپ يۈرگەن توزاندەك قىلىۋېتىمىز، (يەنى ئۇلار ئىمانسىز بولغانلىقتىن، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى يوققا چىقىرىمىز)
Surah Al-Furqan, Verse 23
أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِ يَوۡمَئِذٍ خَيۡرٞ مُّسۡتَقَرّٗا وَأَحۡسَنُ مَقِيلٗا
ئەھلى جەننەت بۇ كۈندە ئەڭ ياخشى جايدا ۋە ئەڭ ياخشى ئارامگاھتا بولىدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 24
وَيَوۡمَ تَشَقَّقُ ٱلسَّمَآءُ بِٱلۡغَمَٰمِ وَنُزِّلَ ٱلۡمَلَـٰٓئِكَةُ تَنزِيلًا
شۇ كۈندە ئاسمان بۇلۇت بىلەن بىرلىكتە يېرىلىدۇ، پەرىشتىلەر (بەندىلەرنىڭ نامە ـ ئەمالىنى ئېلىپ) ئارقىمۇئارقا چۈشىدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 25
ٱلۡمُلۡكُ يَوۡمَئِذٍ ٱلۡحَقُّ لِلرَّحۡمَٰنِۚ وَكَانَ يَوۡمًا عَلَى ٱلۡكَٰفِرِينَ عَسِيرٗا
پادىشاھلىق بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھقا خاستۇر، بۇ كۈن كاپىرلارغا قېيىندۇر
Surah Al-Furqan, Verse 26
وَيَوۡمَ يَعَضُّ ٱلظَّالِمُ عَلَىٰ يَدَيۡهِ يَقُولُ يَٰلَيۡتَنِي ٱتَّخَذۡتُ مَعَ ٱلرَّسُولِ سَبِيلٗا
شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ[27ـ]
Surah Al-Furqan, Verse 27
يَٰوَيۡلَتَىٰ لَيۡتَنِي لَمۡ أَتَّخِذۡ فُلَانًا خَلِيلٗا
شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ[27ـ]
Surah Al-Furqan, Verse 28
لَّقَدۡ أَضَلَّنِي عَنِ ٱلذِّكۡرِ بَعۡدَ إِذۡ جَآءَنِيۗ وَكَانَ ٱلشَّيۡطَٰنُ لِلۡإِنسَٰنِ خَذُولٗا
شۇ كۈنى زالىم (يەنى كاپىر) ئىككى قولىنى چىشلەپ: «ئىسىت! پەيغەمبەر بىلەن (نىجاتلىق) يولىنى تۇتسامچۇ، ئىسىت! پالانىنى دوست تۇتمىغان بولسامچۇ؟ قۇرئان ماڭا يەتكەندىن كېيىن، ئۇ (يەنى پالانى) مېنى قۇرئاندىن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئازدۇردى» دەيدۇ، شەيتان ئىنساننى (ئازدۇرۇپ بولۇپ) تاشلىۋېتىدۇ[27ـ]
Surah Al-Furqan, Verse 29
وَقَالَ ٱلرَّسُولُ يَٰرَبِّ إِنَّ قَوۡمِي ٱتَّخَذُواْ هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانَ مَهۡجُورٗا
پەيغەمبەر ئېيتتى: «ئى پەرۋەردىگارىم! شۈبھىسىزكى، مېنىڭ قەۋمىم بۇ قۇرئاننى تاشلاندۇق قىلىپ قويدى»
Surah Al-Furqan, Verse 30
وَكَذَٰلِكَ جَعَلۡنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوّٗا مِّنَ ٱلۡمُجۡرِمِينَۗ وَكَفَىٰ بِرَبِّكَ هَادِيٗا وَنَصِيرٗا
شۇنىڭدەك (يەنى ساڭا قەۋمىڭنىڭ مۇشرىكلىرىدىن دۈشمەنلەرنى قىلغاندەك) ھەربىر پەيغەمبەرگە بىر قىسىم گۇناھكارلارنى ئۇنىڭ دۈشمىنى قىلدۇق، پەرۋەردىگارىڭ يول كۆرسەتكۈچى ۋە ياردەمچى بولۇشقا ساڭا يېتەرلىكتۇر
Surah Al-Furqan, Verse 31
وَقَالَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَوۡلَا نُزِّلَ عَلَيۡهِ ٱلۡقُرۡءَانُ جُمۡلَةٗ وَٰحِدَةٗۚ كَذَٰلِكَ لِنُثَبِّتَ بِهِۦ فُؤَادَكَۖ وَرَتَّلۡنَٰهُ تَرۡتِيلٗا
كاپىرلار: «قۇرئان نېمىشقا ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) بىر قېتىمدىلا نازىل قىلىنمىدى؟» دېدى. سېنىڭ دىلىڭنى مۇستەھكەم قىلىش ئۈچۈن، ئۇنى پارچە ـ پارچە نازىل قىلدۇق
Surah Al-Furqan, Verse 32
وَلَا يَأۡتُونَكَ بِمَثَلٍ إِلَّا جِئۡنَٰكَ بِٱلۡحَقِّ وَأَحۡسَنَ تَفۡسِيرًا
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) قانداق بىر سوئالنى تاشلىمىسۇن، (ئۇنىڭغا قارىتا) بىز ساڭا ھەق جاۋابنى ۋە ھەممىدىن گۈزەل چۈشەندۈرۈشنى نازىل قىلدۇق
Surah Al-Furqan, Verse 33
ٱلَّذِينَ يُحۡشَرُونَ عَلَىٰ وُجُوهِهِمۡ إِلَىٰ جَهَنَّمَ أُوْلَـٰٓئِكَ شَرّٞ مَّكَانٗا وَأَضَلُّ سَبِيلٗا
ئۇلار جەھەننەمگە يۈزلىرى بىلەن سۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ جايى ئەڭ يامان، يولى ئەڭ ئازغۇندۇر
Surah Al-Furqan, Verse 34
وَلَقَدۡ ءَاتَيۡنَا مُوسَى ٱلۡكِتَٰبَ وَجَعَلۡنَا مَعَهُۥٓ أَخَاهُ هَٰرُونَ وَزِيرٗا
شۈبھىسىزكى، بىز مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋراتنى) ئاتا قىلدۇق ھەمدە ئۇنىڭ قېرىندىشى ھارۇننى ئۇنىڭغا ياردەمچى قىلدۇق
Surah Al-Furqan, Verse 35
فَقُلۡنَا ٱذۡهَبَآ إِلَى ٱلۡقَوۡمِ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا فَدَمَّرۡنَٰهُمۡ تَدۡمِيرٗا
ئۇلارغا: «بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان قەۋمگە بېرىڭلار» دېدۇق، (ئۇ قەۋم كۇفرىدا چىڭ تۇرغانلىقتىن) ئۇلارنى دەھشەتلىك تۈردە ھالاك قىلدۇق
Surah Al-Furqan, Verse 36
وَقَوۡمَ نُوحٖ لَّمَّا كَذَّبُواْ ٱلرُّسُلَ أَغۡرَقۡنَٰهُمۡ وَجَعَلۡنَٰهُمۡ لِلنَّاسِ ءَايَةٗۖ وَأَعۡتَدۡنَا لِلظَّـٰلِمِينَ عَذَابًا أَلِيمٗا
نۇھنىڭ قەۋمى پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغان چاغدا ئۇلارنى غەرق قىلدۇق ھەمدە ئۇلارنى كىشىلەرگە ئىبرەت قىلدۇق، زالىملارغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق
Surah Al-Furqan, Verse 37
وَعَادٗا وَثَمُودَاْ وَأَصۡحَٰبَ ٱلرَّسِّ وَقُرُونَۢا بَيۡنَ ذَٰلِكَ كَثِيرٗا
ئاد قەۋمىنى، سەمۇد قەۋمىنى، رەس ئاھالىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھەم (ھالاك قىلدۇق)
Surah Al-Furqan, Verse 38
وَكُلّٗا ضَرَبۡنَا لَهُ ٱلۡأَمۡثَٰلَۖ وَكُلّٗا تَبَّرۡنَا تَتۡبِيرٗا
ھەربىر قەۋمگە نۇرغۇن مىساللارنى بايان قىلدۇق، (ۋەز ـ نەسىھەت ئۈنۈم بەرمىگەنلىكتىن) ھەربىر قەۋمنى ھالاك قىلدۇق
Surah Al-Furqan, Verse 39
وَلَقَدۡ أَتَوۡاْ عَلَى ٱلۡقَرۡيَةِ ٱلَّتِيٓ أُمۡطِرَتۡ مَطَرَ ٱلسَّوۡءِۚ أَفَلَمۡ يَكُونُواْ يَرَوۡنَهَاۚ بَلۡ كَانُواْ لَا يَرۡجُونَ نُشُورٗا
ئۇلار ھەقىقەتەن (شامغا بېرىپ كېلىشتە) يامان يامغۇر (يەنى تاش) ياغدۇرۇلغان شەھەردىن ئۆتىدۇ، ئەجەبا ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ (ئىبرەت ئالمامدۇ؟) ياق (يەنى ئىبرەت ئالمايدۇ)، ئۇلار (قىيامەت كۈنى) قايتا تىرىلىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 40
وَإِذَا رَأَوۡكَ إِن يَتَّخِذُونَكَ إِلَّا هُزُوًا أَهَٰذَا ٱلَّذِي بَعَثَ ٱللَّهُ رَسُولًا
ئۇلار سېنى كۆرسە پەقەت مەسخىرە قىلىۋېلىپ: «ئاللاھ پەيغەمبەرقىلىپ ئەۋەتكەن مۇشۇمۇ؟ ئەگەر دىنىمىزدا چىڭ تۇرمىساق (مۇھەممەد) بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن ئازدۇرۇۋەتكىلى تاس قالاتتى» (دېدى). كىمنىڭ يولىنىڭ ئەڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئازابنى كۆرگەن چاغدا بىلىدۇ[41 ـ]
Surah Al-Furqan, Verse 41
إِن كَادَ لَيُضِلُّنَا عَنۡ ءَالِهَتِنَا لَوۡلَآ أَن صَبَرۡنَا عَلَيۡهَاۚ وَسَوۡفَ يَعۡلَمُونَ حِينَ يَرَوۡنَ ٱلۡعَذَابَ مَنۡ أَضَلُّ سَبِيلًا
ئۇلار سېنى كۆرسە پەقەت مەسخىرە قىلىۋېلىپ: «ئاللاھ پەيغەمبەرقىلىپ ئەۋەتكەن مۇشۇمۇ؟ ئەگەر دىنىمىزدا چىڭ تۇرمىساق (مۇھەممەد) بىزنى ئىلاھلىرىمىزدىن ئازدۇرۇۋەتكىلى تاس قالاتتى» (دېدى). كىمنىڭ يولىنىڭ ئەڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۇلار (ئاخىرەتتە) ئازابنى كۆرگەن چاغدا بىلىدۇ[41 ـ]
Surah Al-Furqan, Verse 42
أَرَءَيۡتَ مَنِ ٱتَّخَذَ إِلَٰهَهُۥ هَوَىٰهُ أَفَأَنتَ تَكُونُ عَلَيۡهِ وَكِيلًا
ئېيتىپ باقساڭچۇ؟ نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمگە (نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىشتىن ئۇنى ساقلاش ئۈچۈن) ھامىي بولالامسەن؟
Surah Al-Furqan, Verse 43
أَمۡ تَحۡسَبُ أَنَّ أَكۡثَرَهُمۡ يَسۡمَعُونَ أَوۡ يَعۡقِلُونَۚ إِنۡ هُمۡ إِلَّا كَٱلۡأَنۡعَٰمِ بَلۡ هُمۡ أَضَلُّ سَبِيلًا
ئۇلارنىڭ تولىسىنى (گېپىڭنى) ئاڭلايدىغان ياكى چۈشىنىدىغان ئادەملەر دەپ گۇمان قىلامسەن؟ ئۇلار (چۈشەنمەسلىكتە) پەقەت چاھارپايلارغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلاردىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر
Surah Al-Furqan, Verse 44
أَلَمۡ تَرَ إِلَىٰ رَبِّكَ كَيۡفَ مَدَّ ٱلظِّلَّ وَلَوۡ شَآءَ لَجَعَلَهُۥ سَاكِنٗا ثُمَّ جَعَلۡنَا ٱلشَّمۡسَ عَلَيۡهِ دَلِيلٗا
پەرۋەردىگارىڭنىڭ سايىنى قانداق سوزغانلىقىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەگەر خالىسا ئۇنى ئەلۋەتتە مۇقىم قىلاتتى، ئاندىن قۇياشنى سايىگە دەلىل قىلدۇق (يەنى كۈننىڭ چىققانلىقىنى سايىنىڭ بارلىقىغا دەلىل قىلدۇق)
Surah Al-Furqan, Verse 45
ثُمَّ قَبَضۡنَٰهُ إِلَيۡنَا قَبۡضٗا يَسِيرٗا
ئاندىن ئۇنى ئاستا – ئاستا يوقاتتۇق
Surah Al-Furqan, Verse 46
وَهُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ لِبَاسٗا وَٱلنَّوۡمَ سُبَاتٗا وَجَعَلَ ٱلنَّهَارَ نُشُورٗا
ئاللاھ سىلەرگە كېچىنى لىباس، ئۇيقۇنى (بەدىنىڭلار ئۈچۈن) راھەت قىلدى، كۈندۈزنى (تىرىكچىلىك ئۈچۈن زېمىندا) يېيىلىدىغان ۋاقىت قىلدى
Surah Al-Furqan, Verse 47
وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَرۡسَلَ ٱلرِّيَٰحَ بُشۡرَۢا بَيۡنَ يَدَيۡ رَحۡمَتِهِۦۚ وَأَنزَلۡنَا مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ طَهُورٗا
ئاللاھ رەھمىتىنى (يەنى يامغۇرنى) ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇشخەۋەر قىلىپ ئەۋەتتى، يامغۇر بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان ھايۋانلارنى، نۇرغۇن ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇلۇتتىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق[48 ـ]
Surah Al-Furqan, Verse 48
لِّنُحۡـِۧيَ بِهِۦ بَلۡدَةٗ مَّيۡتٗا وَنُسۡقِيَهُۥ مِمَّا خَلَقۡنَآ أَنۡعَٰمٗا وَأَنَاسِيَّ كَثِيرٗا
ئاللاھ رەھمىتىنى (يەنى يامغۇرنى) ياغدۇرۇش ئالدىدا شامالنى خۇشخەۋەر قىلىپ ئەۋەتتى، يامغۇر بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرۈش ۋە بىز ياراتقان ھايۋانلارنى، نۇرغۇن ئىنسانلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بۇلۇتتىن پاك سۇنى چۈشۈرۈپ بەردۇق[48 ـ]
Surah Al-Furqan, Verse 49
وَلَقَدۡ صَرَّفۡنَٰهُ بَيۡنَهُمۡ لِيَذَّكَّرُواْ فَأَبَىٰٓ أَكۡثَرُ ٱلنَّاسِ إِلَّا كُفُورٗا
ئۇلارنى ۋەز ـ نەسىھەت ئالسۇن دەپ، يامغۇرنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلدۇق (يەنى گاھ ئۇ يەرگە، گاھ بۇ يەرگە ياغدۇردۇق)، ئىنسانلارنىڭ تولىسى (ئاللاھقا) كۇفرىلىق قىلىدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 50
وَلَوۡ شِئۡنَا لَبَعَثۡنَا فِي كُلِّ قَرۡيَةٖ نَّذِيرٗا
ئەگەر خالىساق ئەلۋەتتە ھەر شەھەرگە بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) ئەۋەتەتتۇق
Surah Al-Furqan, Verse 51
فَلَا تُطِعِ ٱلۡكَٰفِرِينَ وَجَٰهِدۡهُم بِهِۦ جِهَادٗا كَبِيرٗا
شۇنىڭ ئۈچۈن كاپىرلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، قۇرئان ئارقىلىق ئۇلارغا قارشى (پاكىتلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ) بارلىق كۈچۈڭ بىلەن كۈرەش قىلغىن
Surah Al-Furqan, Verse 52
۞وَهُوَ ٱلَّذِي مَرَجَ ٱلۡبَحۡرَيۡنِ هَٰذَا عَذۡبٞ فُرَاتٞ وَهَٰذَا مِلۡحٌ أُجَاجٞ وَجَعَلَ بَيۡنَهُمَا بَرۡزَخٗا وَحِجۡرٗا مَّحۡجُورٗا
ئاللاھ (قۇدرىتى بىلەن) بىرى تاتلىق بولغان، بىرى تۇزلۇق بولغان دېڭىزنى (ئۇلار بىر ـ بىرىگە تۇتىشاڭغۇ بولغان ھالدا) (قويۇۋەتتى، ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەردە، توسما بەرپا قىلدى
Surah Al-Furqan, Verse 53
وَهُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ مِنَ ٱلۡمَآءِ بَشَرٗا فَجَعَلَهُۥ نَسَبٗا وَصِهۡرٗاۗ وَكَانَ رَبُّكَ قَدِيرٗا
ئاللاھ ئىنساننى ئابىمەنىيدىن ياراتتى، ئۇنى بالىلار نىسبەت بېرىلىدىغان ئەر ۋە قۇدا ـ باجىلىق پەيدا قىلىدىغان ئايال (دىن ئىبارەت ئىككى خىل قىلىپ) ياراتتى، پەرۋەردىگارىڭ ھەممىگە قادىردۇر
Surah Al-Furqan, Verse 54
وَيَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُهُمۡ وَلَا يَضُرُّهُمۡۗ وَكَانَ ٱلۡكَافِرُ عَلَىٰ رَبِّهِۦ ظَهِيرٗا
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئاللاھنى قويۇپ ئۇلارغا پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ، كاپىر پەرۋەردىگارىغا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن (شەيتانغا) ياردەم بەرگۈچىدۇر
Surah Al-Furqan, Verse 55
وَمَآ أَرۡسَلۡنَٰكَ إِلَّا مُبَشِّرٗا وَنَذِيرٗا
سېنى پەقەت (جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (دوزاختىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق
Surah Al-Furqan, Verse 56
قُلۡ مَآ أَسۡـَٔلُكُمۡ عَلَيۡهِ مِنۡ أَجۡرٍ إِلَّا مَن شَآءَ أَن يَتَّخِذَ إِلَىٰ رَبِّهِۦ سَبِيلٗا
ئېيتقىنكى، «مەن (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، پەقەت (مېنىڭ تىلەيدىغىنىم شۇكى، مېنىڭ دىنىمغا ئەگىشىش بىلەن) پەرۋەردىگارى تەرەپكە يول ئېلىشنى خالايدىغانلار (يول ئالسۇن)»
Surah Al-Furqan, Verse 57
وَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱلۡحَيِّ ٱلَّذِي لَا يَمُوتُ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِهِۦۚ وَكَفَىٰ بِهِۦ بِذُنُوبِ عِبَادِهِۦ خَبِيرًا
(ھەممە ئىشىڭدا) ئۆلمەيدىغان مەڭگۈ ھايات ئاللاھقا يۆلەنگىن، ئۇنىڭغا ھەمد ئېيتىش بىلەن ئاللاھنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلغىن، ئۇ بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى تولۇق بىلىشتە يېتەرلىكتۇر
Surah Al-Furqan, Verse 58
ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَا فِي سِتَّةِ أَيَّامٖ ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰ عَلَى ٱلۡعَرۡشِۖ ٱلرَّحۡمَٰنُ فَسۡـَٔلۡ بِهِۦ خَبِيرٗا
ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئەرش ئۈستىدە (ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە) قارار ئالدى، ئاللاھ ناھايىتى مەرھەمەتلىكتۇر، بۇنى (يەنى ئاللاھنىڭ بۈيۈكلۈكىنى) بىلىدىغان ئادەمدىن سورىغىن (ساڭا ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ئېيتىپ بېرىدۇ)
Surah Al-Furqan, Verse 59
وَإِذَا قِيلَ لَهُمُ ٱسۡجُدُواْۤ لِلرَّحۡمَٰنِ قَالُواْ وَمَا ٱلرَّحۡمَٰنُ أَنَسۡجُدُ لِمَا تَأۡمُرُنَا وَزَادَهُمۡ نُفُورٗا۩
ئۇلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا): «رەھمانغا (يەنى مەرھەمەتلىك ئاللاھقا) سەجدە قىلىڭلار!» دېيىلسە، ئۇلار: «رەھمان دېگەن نېمە؟ سەن بىزنى بۇيرۇغان نەرسىگە سەجدە قىلامدۇق؟» دەيدۇ. بۇ سۆز ئۇلارنى (ئىماندىن) تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 60
تَبَارَكَ ٱلَّذِي جَعَلَ فِي ٱلسَّمَآءِ بُرُوجٗا وَجَعَلَ فِيهَا سِرَٰجٗا وَقَمَرٗا مُّنِيرٗا
ئاسماندا بۇرۇجلارنى، يېنىپ تۇرىدىغان چىراقنى (يەنى كۈننى) ۋە نۇرلۇق ئاينى ياراتقان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر
Surah Al-Furqan, Verse 61
وَهُوَ ٱلَّذِي جَعَلَ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ خِلۡفَةٗ لِّمَنۡ أَرَادَ أَن يَذَّكَّرَ أَوۡ أَرَادَ شُكُورٗا
ئاللاھ (ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى) ئەسلىمەكچى بولغانلار ياكى (ئۆزىنىڭ نېمىتىگە) شۈكۈر قىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئالمىشىپ تۇرىدىغان قىلىپ بەردى
Surah Al-Furqan, Verse 62
وَعِبَادُ ٱلرَّحۡمَٰنِ ٱلَّذِينَ يَمۡشُونَ عَلَى ٱلۡأَرۡضِ هَوۡنٗا وَإِذَا خَاطَبَهُمُ ٱلۡجَٰهِلُونَ قَالُواْ سَلَٰمٗا
مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ (ياخشى كۆرىدىغان) بەندىلىرى زېمىندا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ تەمكىنلىك بىلەن ماڭىدۇ، نادانلار ئۇلارغا (ياقتۇرمايدىغان) سۆز قىلسا، ئۇلار: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز» دەيدۇ (يەنى گۇناھ بولمايدىغان سۆزلەرنى قىلىدۇ)
Surah Al-Furqan, Verse 63
وَٱلَّذِينَ يَبِيتُونَ لِرَبِّهِمۡ سُجَّدٗا وَقِيَٰمٗا
ئۇلار كېچىلەرنى پەرۋەردىگارىغا سەجدە قىلىش ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن (يەنى ناماز ئوقۇش بىلەن) ئۆتكۈزىدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 64
وَٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا ٱصۡرِفۡ عَنَّا عَذَابَ جَهَنَّمَۖ إِنَّ عَذَابَهَا كَانَ غَرَامًا
ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) ئېيتىدۇ: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن جەھەننەم ئازابىنى دەپئى قىلغىن، جەھەننەمنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن (سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭدىن) ئايرىلمايدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 65
إِنَّهَا سَآءَتۡ مُسۡتَقَرّٗا وَمُقَامٗا
جەھەننەم ھەقىقەتەن يامان قارارگاھتۇر، يامان جايدۇر»
Surah Al-Furqan, Verse 66
وَٱلَّذِينَ إِذَآ أَنفَقُواْ لَمۡ يُسۡرِفُواْ وَلَمۡ يَقۡتُرُواْ وَكَانَ بَيۡنَ ذَٰلِكَ قَوَامٗا
ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) خىراجەت قىلغاندا، ئىسراپچىلىقمۇ قىلمايدۇ، بېخىللىقمۇ قىلمايدۇ، ئوتتۇراھال خىراجەت قىلىدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 67
وَٱلَّذِينَ لَا يَدۡعُونَ مَعَ ٱللَّهِ إِلَٰهًا ءَاخَرَ وَلَا يَقۡتُلُونَ ٱلنَّفۡسَ ٱلَّتِي حَرَّمَ ٱللَّهُ إِلَّا بِٱلۡحَقِّ وَلَا يَزۡنُونَۚ وَمَن يَفۡعَلۡ ذَٰلِكَ يَلۡقَ أَثَامٗا
ئۇلار ئاللاھقا ئىككىنچى بىر مەبۇدنى شېرىك قىلمايدۇ، ئاللاھ ھارام قىلغان ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىشىنى قىلمايدۇ، زىنا قىلمايدۇ، كىمكى بۇ (گۇناھلار) نى قىلىدىكەن، (ئاخىرەتتە) ئۇ جازاغا ئۇچرايدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 68
يُضَٰعَفۡ لَهُ ٱلۡعَذَابُ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَيَخۡلُدۡ فِيهِۦ مُهَانًا
قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ ئازاب قىلىنىدۇ، ئۇ مەڭگۈ ئازاب ئىچىدە خارلانغان ھالدا قالىدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 69
إِلَّا مَن تَابَ وَءَامَنَ وَعَمِلَ عَمَلٗا صَٰلِحٗا فَأُوْلَـٰٓئِكَ يُبَدِّلُ ٱللَّهُ سَيِّـَٔاتِهِمۡ حَسَنَٰتٖۗ وَكَانَ ٱللَّهُ غَفُورٗا رَّحِيمٗا
پەقەت (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن) (بۇ دۇنيادىكى چېغىدا) تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارلا بۇ ھالدا قالمايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ياخشىلىققا ئالماشتۇرىدۇ، ئاللاھ تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر ۋە مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر
Surah Al-Furqan, Verse 70
وَمَن تَابَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَإِنَّهُۥ يَتُوبُ إِلَى ٱللَّهِ مَتَابٗا
كىمكى (گۇناھلىرىغا) تەۋبە قىلىدىكەن ۋە ئەمەلىنى تۈزەيدىكەن، ئۇ ئاللاھقا يۈزلەنگەن بولىدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن رازى بولىدۇ)
Surah Al-Furqan, Verse 71
وَٱلَّذِينَ لَا يَشۡهَدُونَ ٱلزُّورَ وَإِذَا مَرُّواْ بِٱللَّغۡوِ مَرُّواْ كِرَامٗا
ئۇلار (يەنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان بەندىلەر) يالغان گۇۋاھلىق بەرمەيدۇ، يامان سۆزنى ئاڭلاپ قالغان چاغدا ئالىيجانابلىق بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 72
وَٱلَّذِينَ إِذَا ذُكِّرُواْ بِـَٔايَٰتِ رَبِّهِمۡ لَمۡ يَخِرُّواْ عَلَيۡهَا صُمّٗا وَعُمۡيَانٗا
ئۇلارغا پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنسا، گاس، كور بولۇۋالمايدۇ (يەنى ئۇنى بېرىلىپ ئىخلاس بىلەن ئاڭلايدۇ)
Surah Al-Furqan, Verse 73
وَٱلَّذِينَ يَقُولُونَ رَبَّنَا هَبۡ لَنَا مِنۡ أَزۡوَٰجِنَا وَذُرِّيَّـٰتِنَا قُرَّةَ أَعۡيُنٖ وَٱجۡعَلۡنَا لِلۡمُتَّقِينَ إِمَامًا
ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى (يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن» دەيدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 74
أُوْلَـٰٓئِكَ يُجۡزَوۡنَ ٱلۡغُرۡفَةَ بِمَا صَبَرُواْ وَيُلَقَّوۡنَ فِيهَا تَحِيَّةٗ وَسَلَٰمًا
ئەنە شۇلار سەۋرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، ئۇلار جەننەتتە (پەرىشتىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان) دۇئا ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ
Surah Al-Furqan, Verse 75
خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ حَسُنَتۡ مُسۡتَقَرّٗا وَمُقَامٗا
ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، جەننەت نېمىدېگەن گۈزەل قارارگاھ! نېمىدېگەن گۈزەل جاي
Surah Al-Furqan, Verse 76
قُلۡ مَا يَعۡبَؤُاْ بِكُمۡ رَبِّي لَوۡلَا دُعَآؤُكُمۡۖ فَقَدۡ كَذَّبۡتُمۡ فَسَوۡفَ يَكُونُ لِزَامَۢا
ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەرنىڭ دۇئايىڭلار بولمىسا، پەرۋەردىگارىم سىلەرگە پەرۋا قىلمايدۇ، (ئى كاپىرلار! پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدىڭلار، (ئاخىرەتتە) سىلەر قۇتۇلالمايدىغان ئازابقا دۇچار بولۇسىلەر»
Surah Al-Furqan, Verse 77