UAE Prayer Times

  • Dubai
  • Abu Dhabi
  • Sharjah
  • Ajman
  • Fujairah
  • Umm Al Quwain
  • Ras Al Khaimah
  • Quran Translations

Surah Ar-Room - Uighur Translation by Shaykh Muhammad Saleh


الٓمٓ

ئەلىف، لام، مىم
Surah Ar-Room, Verse 1


غُلِبَتِ ٱلرُّومُ

رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر[2ـ]
Surah Ar-Room, Verse 2


فِيٓ أَدۡنَى ٱلۡأَرۡضِ وَهُم مِّنۢ بَعۡدِ غَلَبِهِمۡ سَيَغۡلِبُونَ

رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر[2ـ]
Surah Ar-Room, Verse 3


فِي بِضۡعِ سِنِينَۗ لِلَّهِ ٱلۡأَمۡرُ مِن قَبۡلُ وَمِنۢ بَعۡدُۚ وَيَوۡمَئِذٖ يَفۡرَحُ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ

رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر[2ـ]
Surah Ar-Room, Verse 4


بِنَصۡرِ ٱللَّهِۚ يَنصُرُ مَن يَشَآءُۖ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلرَّحِيمُ

رۇملۇقلار يېقىن بىر جايدا يېڭىلدى، ئۇلار يېڭىلگەندىن كېيىن بىر قانچە يىل ئىچىدە يېڭىدۇ، ئىلگىرى ۋە كېيىن ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر، بۇ كۈندە مۆمىنلەر ئاللاھنىڭ بەرگەن ياردىمى بىلەن خۇشال بولىدۇ، ئاللاھ خالىغان كىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، (مۆمىنلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر[2ـ]
Surah Ar-Room, Verse 5


وَعۡدَ ٱللَّهِۖ لَا يُخۡلِفُ ٱللَّهُ وَعۡدَهُۥ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ

ئاللاھ (ئۇلارنى غالىب قىلىدىغانلىقىنى) ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ (چۈنكى ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، سۆزى راستتۇر)، لېكىن كىشىلەرنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ
Surah Ar-Room, Verse 6


يَعۡلَمُونَ ظَٰهِرٗا مِّنَ ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَا وَهُمۡ عَنِ ٱلۡأٓخِرَةِ هُمۡ غَٰفِلُونَ

ئۇلار ھاياتىي دۇنيانىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلىدۇ، ئۇلار ئاخىرەتتىن (يەنى ئاخىرەت ئىشىدا ئويلىنىشتىن ۋە ئاخىرەت ئۈچۈن ئىشلەشتىن) غەپلەتتىدۇر
Surah Ar-Room, Verse 7


أَوَلَمۡ يَتَفَكَّرُواْ فِيٓ أَنفُسِهِمۗ مَّا خَلَقَ ٱللَّهُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَمَا بَيۡنَهُمَآ إِلَّا بِٱلۡحَقِّ وَأَجَلٖ مُّسَمّٗىۗ وَإِنَّ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلنَّاسِ بِلِقَآيِٕ رَبِّهِمۡ لَكَٰفِرُونَ

ئۇلار (ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىشلىرى ئۈچۈن) ئۆزلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەمدۇ؟ ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى (يۇلتۇز قاتارلىق) نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ۋە مۇئەييەن ۋاقىتلىق قىلىپ ياراتتى، شەك – شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن كىشىلەر پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى (قايتا تىرىلىدىغانلىقىنى، قىلغان ئەمەلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى ياكى جازالىنىدىغانلىقىنى) ئىنكار قىلغۇچىدۇر
Surah Ar-Room, Verse 8


أَوَلَمۡ يَسِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَيَنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِهِمۡۚ كَانُوٓاْ أَشَدَّ مِنۡهُمۡ قُوَّةٗ وَأَثَارُواْ ٱلۡأَرۡضَ وَعَمَرُوهَآ أَكۡثَرَ مِمَّا عَمَرُوهَا وَجَآءَتۡهُمۡ رُسُلُهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِۖ فَمَا كَانَ ٱللَّهُ لِيَظۡلِمَهُمۡ وَلَٰكِن كَانُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ يَظۡلِمُونَ

ئۇلار يەر يۈزىدە كېزىپ ئۆزلىرىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئۇلار (يەنى ئۆتكەنلەر) قۇۋۋەتتە بۇلاردىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار زىرائەت تېرىشتا، ئىمارەت سېلىشتا بۇلار (يەنى قۇرەيشلەر) دىن ئۈستۈن ئىدى. ئۇلارغا پەيغەمبەرلىرى مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى (لېكىن ئۇلار مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلدى). ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى (يەنى ئاللاھ ئۇلارنى گۇناھسىز ھالاك قىلغىنى يوق)، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرى (كۇفرى ئۈچۈن ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلدى (شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھالاك بولۇشقا تېگىشلىك بولدى)
Surah Ar-Room, Verse 9


ثُمَّ كَانَ عَٰقِبَةَ ٱلَّذِينَ أَسَـٰٓـُٔواْ ٱلسُّوٓأَىٰٓ أَن كَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِ ٱللَّهِ وَكَانُواْ بِهَا يَسۡتَهۡزِءُونَ

ئاندىن يامان ئىش قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتى ئەڭ يامان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە مەسخىرە قىلغان كىشىلەردۇر
Surah Ar-Room, Verse 10


ٱللَّهُ يَبۡدَؤُاْ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥ ثُمَّ إِلَيۡهِ تُرۡجَعُونَ

ئاللاھ مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بار قىلىدۇ. ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب ئۈچۈن) قايتۇرۇلىسىلەر
Surah Ar-Room, Verse 11


وَيَوۡمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ يُبۡلِسُ ٱلۡمُجۡرِمُونَ

قىيامەت قايىم بولغان كۈندە گۇناھكارلار ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ
Surah Ar-Room, Verse 12


وَلَمۡ يَكُن لَّهُم مِّن شُرَكَآئِهِمۡ شُفَعَـٰٓؤُاْ وَكَانُواْ بِشُرَكَآئِهِمۡ كَٰفِرِينَ

ئۇلارغا شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىدىن شاپائەت قىلغۇچىلار بولمايدۇ، ئۇلار شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىدىن تانىدۇ
Surah Ar-Room, Verse 13


وَيَوۡمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ يَوۡمَئِذٖ يَتَفَرَّقُونَ

قىيامەت قايىم بولغان كۈندە (مۆمىنلەر بىلەن كاپىرلار) بىر ـ بىرىدىن ئايرىلىدۇ
Surah Ar-Room, Verse 14


فَأَمَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّـٰلِحَٰتِ فَهُمۡ فِي رَوۡضَةٖ يُحۡبَرُونَ

ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار باغچىدا (يەنى جەننەتنىڭ باغچىلىرىدا) يايرىتىلىدۇ
Surah Ar-Room, Verse 15


وَأَمَّا ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ وَكَذَّبُواْ بِـَٔايَٰتِنَا وَلِقَآيِٕ ٱلۡأٓخِرَةِ فَأُوْلَـٰٓئِكَ فِي ٱلۡعَذَابِ مُحۡضَرُونَ

بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ۋە ئاخىرەتتىكى مۇلاقاتنى ئىنكار قىلغان ۋە يالغانغا چىقارغانلارغا كەلسەك، ئۇلار داۋاملىق ئازابتا قالىدۇ
Surah Ar-Room, Verse 16


فَسُبۡحَٰنَ ٱللَّهِ حِينَ تُمۡسُونَ وَحِينَ تُصۡبِحُونَ

سىلەر ئاخشامدا ۋە ئەتىگەندە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىڭلار
Surah Ar-Room, Verse 17


وَلَهُ ٱلۡحَمۡدُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَعَشِيّٗا وَحِينَ تُظۡهِرُونَ

ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى ھەمدۇسانا، كەچ ۋە پېشىن ۋاقىتلىرىدىكى ھەمدۇسانانىڭ ھەممىسى ئاللاھقا خاستۇر
Surah Ar-Room, Verse 18


يُخۡرِجُ ٱلۡحَيَّ مِنَ ٱلۡمَيِّتِ وَيُخۡرِجُ ٱلۡمَيِّتَ مِنَ ٱلۡحَيِّ وَيُحۡيِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَاۚ وَكَذَٰلِكَ تُخۡرَجُونَ

ئاللاھ جانسىز نەرسىلەردىن جانلىق نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، جانلىق نەرسىلەردىن جانسىز نەرسىلەرنى چىقىرىدۇ، ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىدۇ (يەنى قۇرغاق زېمىننى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن كۆكەرتىدۇ)، سىلەرمۇ مۇشۇنداق تىرىلدۈرۈلىسىلەر
Surah Ar-Room, Verse 19


وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦٓ أَنۡ خَلَقَكُم مِّن تُرَابٖ ثُمَّ إِذَآ أَنتُم بَشَرٞ تَنتَشِرُونَ

ئاللاھنىڭ سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتقانلىقى، ئاندىن سىلەرنىڭ ئىنسان بولۇپ زېمىندا تارىلىپ يۈرۈشۈڭلار ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر
Surah Ar-Room, Verse 20


وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦٓ أَنۡ خَلَقَ لَكُم مِّنۡ أَنفُسِكُمۡ أَزۡوَٰجٗا لِّتَسۡكُنُوٓاْ إِلَيۡهَا وَجَعَلَ بَيۡنَكُم مَّوَدَّةٗ وَرَحۡمَةًۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ

ئاياللار بىلەن ئۇنسى- ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ) ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا (يەنى ئەر- خوتۇن ئارىسىدا) مېھر ـ مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
Surah Ar-Room, Verse 21


وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦ خَلۡقُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَٱخۡتِلَٰفُ أَلۡسِنَتِكُمۡ وَأَلۡوَٰنِكُمۡۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّلۡعَٰلِمِينَ

ئاللاھنىڭ ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقانلىقى، تىللىرىڭلارنىڭ، رەڭگىلىرىڭلارنىڭ خىلمۇخىل بولۇشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، بۇنىڭدا بىلىملىك كىشىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
Surah Ar-Room, Verse 22


وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦ مَنَامُكُم بِٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَٱبۡتِغَآؤُكُم مِّن فَضۡلِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَسۡمَعُونَ

سىلەرنىڭ كېچىسى ۋە كۈندۈزى ئۇخلىشىڭلار، (كۈندۈزى) ئاللاھنىڭ مەرھەمىتىدىن (رىزىق) تەلەپ قىلىپ (ھەرىكەتلىنىشىڭلار) ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئاڭلايدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
Surah Ar-Room, Verse 23


وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦ يُرِيكُمُ ٱلۡبَرۡقَ خَوۡفٗا وَطَمَعٗا وَيُنَزِّلُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَيُحۡيِۦ بِهِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَآۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ

ئاللاھنىڭ سىلەرگە چاقماقنى قورقۇنچ ۋە ئۈمىد قىلىپ كۆرسىتىشى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، چۈشىنەلەيدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا، شەك ـ شۈبھىسىزكى، نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار
Surah Ar-Room, Verse 24


وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦٓ أَن تَقُومَ ٱلسَّمَآءُ وَٱلۡأَرۡضُ بِأَمۡرِهِۦۚ ثُمَّ إِذَا دَعَاكُمۡ دَعۡوَةٗ مِّنَ ٱلۡأَرۡضِ إِذَآ أَنتُمۡ تَخۡرُجُونَ

ئاللاھنىڭ ئاسمان - زېمىننى ئۆز ئەمرى بىلەن (مۇئەللەق) تۇرغۇزۇشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، ئاندىن ئاللاھ (قەبرىلەردە كۆمۈلۈپ ياتقان) سىلەرنى يەر ئاستىدىن چاقىرسا، دەرھال چىقىسىلەر
Surah Ar-Room, Verse 25


وَلَهُۥ مَن فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ كُلّٞ لَّهُۥ قَٰنِتُونَ

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھەممە ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدۇر ۋە ئاللاھنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر)، ھەممە ئاللاھقا بويسۇنغۇچىدۇر
Surah Ar-Room, Verse 26


وَهُوَ ٱلَّذِي يَبۡدَؤُاْ ٱلۡخَلۡقَ ثُمَّ يُعِيدُهُۥ وَهُوَ أَهۡوَنُ عَلَيۡهِۚ وَلَهُ ٱلۡمَثَلُ ٱلۡأَعۡلَىٰ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَهُوَ ٱلۡعَزِيزُ ٱلۡحَكِيمُ

مەخلۇقاتنى دەسلەپتە (يوقتىن) بار قىلىدىغان، ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلىدۈرىدىغان ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ (يەنى مەخلۇقاتنى تىرىلدۈرۈش) ئاللاھقا (ئۇنى دەسلەپتە يوقتىن بار قىلغانغا قارىغاندا) ئوڭايدۇر، ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئەڭ ئالىي سۈپەت ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
Surah Ar-Room, Verse 27


ضَرَبَ لَكُم مَّثَلٗا مِّنۡ أَنفُسِكُمۡۖ هَل لَّكُم مِّن مَّا مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُم مِّن شُرَكَآءَ فِي مَا رَزَقۡنَٰكُمۡ فَأَنتُمۡ فِيهِ سَوَآءٞ تَخَافُونَهُمۡ كَخِيفَتِكُمۡ أَنفُسَكُمۡۚ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ ٱلۡأٓيَٰتِ لِقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ

ئاللاھ سىلەرگە ئۆزۈڭلاردىن بىر مىسال كەلتۈرىدۇ، بىز سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن مال- مۈلۈككە قۇللىرىڭلارنىڭ شېرىك بولۇشىغا، ئۇ بارىدا ئۇلارنىڭ سىلەر بىلەن باراۋەر بولۇشىغا، ئۇلاردىن ئۆزلىرىڭلار (يەنى ئازاد كىشىلەر) دىن قورققاندەك قورقۇشقا رازىمۇسىلەر؟ (بۇنىڭغا رازى بولمىغان ئىكەنسىلەر، مەخلۇقاتنىڭ ئاللاھقا شېرىك بولۇشىغا قانداق رازى بولدۇڭلار؟) چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز
Surah Ar-Room, Verse 28


بَلِ ٱتَّبَعَ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوٓاْ أَهۡوَآءَهُم بِغَيۡرِ عِلۡمٖۖ فَمَن يَهۡدِي مَنۡ أَضَلَّ ٱللَّهُۖ وَمَا لَهُم مِّن نَّـٰصِرِينَ

ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتە ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئۆزرىسى يوق)، (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلار بىلىمسىزلىكتىن نەپسى خاھىشىغا ئەگەشتى. ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەمنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئۇلارغا ھەرگىز ياردەم قىلغۇچى بولمايدۇ
Surah Ar-Room, Verse 29


فَأَقِمۡ وَجۡهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفٗاۚ فِطۡرَتَ ٱللَّهِ ٱلَّتِي فَطَرَ ٱلنَّاسَ عَلَيۡهَاۚ لَا تَبۡدِيلَ لِخَلۡقِ ٱللَّهِۚ ذَٰلِكَ ٱلدِّينُ ٱلۡقَيِّمُ وَلَٰكِنَّ أَكۡثَرَ ٱلنَّاسِ لَا يَعۡلَمُونَ

باتىل دىنلاردىن بۇرۇلۇپ ئىسلام دىنىغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا (ئەگەشكىنكى) ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ (فىترەت) بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، بۇ توغرا دىندۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ
Surah Ar-Room, Verse 30


۞مُنِيبِينَ إِلَيۡهِ وَٱتَّقُوهُ وَأَقِيمُواْ ٱلصَّلَوٰةَ وَلَا تَكُونُواْ مِنَ ٱلۡمُشۡرِكِينَ

ئاللاھقا تەۋبە بىلەن قايتىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، نامازنى ئادا قىلىڭلار، مۇشرىكلاردىن بولماڭلار
Surah Ar-Room, Verse 31


مِنَ ٱلَّذِينَ فَرَّقُواْ دِينَهُمۡ وَكَانُواْ شِيَعٗاۖ كُلُّ حِزۡبِۭ بِمَا لَدَيۡهِمۡ فَرِحُونَ

سىلەر دىندا ئىختىلاپ قىلىشىپ، پىرقە ـ پىرقە بولۇپ، ھەرپىرقە ئۆز دىنى بىلەن خۇشاللىنىدىغانلاردىن (بولماڭلار)
Surah Ar-Room, Verse 32


وَإِذَا مَسَّ ٱلنَّاسَ ضُرّٞ دَعَوۡاْ رَبَّهُم مُّنِيبِينَ إِلَيۡهِ ثُمَّ إِذَآ أَذَاقَهُم مِّنۡهُ رَحۡمَةً إِذَا فَرِيقٞ مِّنۡهُم بِرَبِّهِمۡ يُشۡرِكُونَ

ئىنسانلارغا بىرەر زىيان ـ زەخمەت يەتكەن چاغدا، ئۇلار پەرۋەردىگارىغا ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا رەھمىتىنى تېتىتقان چاغدا، ئۇلاردىن بىر پىرقە دەرھال پەرۋەردىگارىغا شېرىك كەلتۈرىدۇ
Surah Ar-Room, Verse 33


لِيَكۡفُرُواْ بِمَآ ءَاتَيۡنَٰهُمۡۚ فَتَمَتَّعُواْ فَسَوۡفَ تَعۡلَمُونَ

ئۇلار بىزنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىمىزگە نا شۈكۈرلۈك قىلىپ باقسۇن، قېنى؟ (ئى مۇشرىكلار!) (دۇنيا تىرىكچىلىكىدە سىلەرگە بەرگەن نېمەتلىرىمىزدىن) بەھرىمەن بولۇڭلار، سىلەر (پانىي دۇنيانىڭ نېمىتىدىن بەھرىمەن بولغانلىقىڭلارنىڭ ئاقىۋىتىنى) كەلگۈسىدە بىلىسىلەر
Surah Ar-Room, Verse 34


أَمۡ أَنزَلۡنَا عَلَيۡهِمۡ سُلۡطَٰنٗا فَهُوَ يَتَكَلَّمُ بِمَا كَانُواْ بِهِۦ يُشۡرِكُونَ

ياكى ئۇلارغا ئۇلارنىڭ بۇتلارغا چوقۇنىشىنىڭ توغرىلىقىنى سۆزلەيدىغان بىرەر كىتاب نازىل قىلدۇقمۇ؟ (مۇنداق بولغىنى يوق)
Surah Ar-Room, Verse 35


وَإِذَآ أَذَقۡنَا ٱلنَّاسَ رَحۡمَةٗ فَرِحُواْ بِهَاۖ وَإِن تُصِبۡهُمۡ سَيِّئَةُۢ بِمَا قَدَّمَتۡ أَيۡدِيهِمۡ إِذَا هُمۡ يَقۡنَطُونَ

ئىنسانلارغا رەھمەتنى تېتىتساق، ئۇلار بۇنىڭدىن خۇشاللىنىپ كېتىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، دەرھال ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ
Surah Ar-Room, Verse 36


أَوَلَمۡ يَرَوۡاْ أَنَّ ٱللَّهَ يَبۡسُطُ ٱلرِّزۡقَ لِمَن يَشَآءُ وَيَقۡدِرُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يُؤۡمِنُونَ

ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدۇ، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدۇ، ھەقىقەتەن بۇنىڭدا (رىزىق بەرگەن ئاللاھنىڭ ھېكمىتىگە) ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار
Surah Ar-Room, Verse 37


فَـَٔاتِ ذَا ٱلۡقُرۡبَىٰ حَقَّهُۥ وَٱلۡمِسۡكِينَ وَٱبۡنَ ٱلسَّبِيلِۚ ذَٰلِكَ خَيۡرٞ لِّلَّذِينَ يُرِيدُونَ وَجۡهَ ٱللَّهِۖ وَأُوْلَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ

خىش ـ ئەقرىبالارغا، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە (سىلە ـ رەھىم ۋە ياخشىلىقتىن تېگىشلىك) ھەققىنى بەرگىن، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيدىغانلار ئۈچۈن مۇنداق قىلىش ياخشىدۇر، ئەنە شۇلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر
Surah Ar-Room, Verse 38


وَمَآ ءَاتَيۡتُم مِّن رِّبٗا لِّيَرۡبُوَاْ فِيٓ أَمۡوَٰلِ ٱلنَّاسِ فَلَا يَرۡبُواْ عِندَ ٱللَّهِۖ وَمَآ ءَاتَيۡتُم مِّن زَكَوٰةٖ تُرِيدُونَ وَجۡهَ ٱللَّهِ فَأُوْلَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُضۡعِفُونَ

سىلەر كىشىلەرنىڭ پۇل ـ مېلى ئىچىدە ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بىرەر پۇل ـ مال بەرسەڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇ ئۆسمەيدۇ (يەنى كىشىلەر بەرگىنىمدىن جىقراق قايتۇرسۇن دېگەن نىيەت بىلەن بېرىلگەن سوۋغىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ساۋابى بولمايدۇ)، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن سەدىقەڭلار (ياكى ئېھسانىڭلار) غا ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىلىدۇ
Surah Ar-Room, Verse 39


ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَكُمۡ ثُمَّ رَزَقَكُمۡ ثُمَّ يُمِيتُكُمۡ ثُمَّ يُحۡيِيكُمۡۖ هَلۡ مِن شُرَكَآئِكُم مَّن يَفۡعَلُ مِن ذَٰلِكُم مِّن شَيۡءٖۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ

ئاللاھ سىلەرنى خەلق ئەتتى، ئاندىن سىلەرگە رىزىق بەردى. ئاندىن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدۇ، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، شېرىك كەلتۈرگەنلىرىڭلاردىن قايسىسى بۇ ئىشلارنىڭ قايسىبىرىنى قىلالايدۇ؟ ئاللاھ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئالىيدۇر
Surah Ar-Room, Verse 40


ظَهَرَ ٱلۡفَسَادُ فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِ بِمَا كَسَبَتۡ أَيۡدِي ٱلنَّاسِ لِيُذِيقَهُم بَعۡضَ ٱلَّذِي عَمِلُواْ لَعَلَّهُمۡ يَرۡجِعُونَ

ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈزبەردى، ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ (جازاسىنى) ئۇلارغا تېتىتتى
Surah Ar-Room, Verse 41


قُلۡ سِيرُواْ فِي ٱلۡأَرۡضِ فَٱنظُرُواْ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلُۚ كَانَ أَكۡثَرُهُم مُّشۡرِكِينَ

(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، يەر يۈزىدە سەير قىلىڭلار، ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار (ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ جايلىرىغا قاراڭلاركى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان، ئاللاھتائالا ئۇلارنىڭ دىيارلىرىنى خاراپ قىلىپ، ئۇلارنى ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت قىلدى). ئۇلارنىڭ تولىسى مۇشرىك ئىدى
Surah Ar-Room, Verse 42


فَأَقِمۡ وَجۡهَكَ لِلدِّينِ ٱلۡقَيِّمِ مِن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَ يَوۡمٞ لَّا مَرَدَّ لَهُۥ مِنَ ٱللَّهِۖ يَوۡمَئِذٖ يَصَّدَّعُونَ

ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدىغان، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈن (يەنى قىيامەت) كېلىشتىن ئىلگىرى توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، بۇ كۈندە ئۇلار (نىڭ بىر پىرقىسى جەننەتكە، بىر پىرقىسى جەھەننەمگە) ئايرىلىدۇ
Surah Ar-Room, Verse 43


مَن كَفَرَ فَعَلَيۡهِ كُفۡرُهُۥۖ وَمَنۡ عَمِلَ صَٰلِحٗا فَلِأَنفُسِهِمۡ يَمۡهَدُونَ

كىمكى كاپىر بولسا (دوزاختا ئەبەدىي قېلىپ) كۇفرىنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ، كىملەركى ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۆزلىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) جاي راستلايدۇ
Surah Ar-Room, Verse 44


لِيَجۡزِيَ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّـٰلِحَٰتِ مِن فَضۡلِهِۦٓۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡكَٰفِرِينَ

ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى مەرھەمىتىدىن مۇكاپاتلايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن كاپىرلارنى دوست تۇتمايدۇ
Surah Ar-Room, Verse 45


وَمِنۡ ءَايَٰتِهِۦٓ أَن يُرۡسِلَ ٱلرِّيَاحَ مُبَشِّرَٰتٖ وَلِيُذِيقَكُم مِّن رَّحۡمَتِهِۦ وَلِتَجۡرِيَ ٱلۡفُلۡكُ بِأَمۡرِهِۦ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ

ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى تېتىتىش، ئەمرى بويىچە كېمىلەرنى دېڭىزلاردا ماڭدۇرۇش، ئۆزىنىڭ مەرھەمىتىدىن تىلىشىڭلارۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن شاماللارنى يامغۇر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى قىلىپ ئەۋەتىشى ئاللاھنىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر
Surah Ar-Room, Verse 46


وَلَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا مِن قَبۡلِكَ رُسُلًا إِلَىٰ قَوۡمِهِمۡ فَجَآءُوهُم بِٱلۡبَيِّنَٰتِ فَٱنتَقَمۡنَا مِنَ ٱلَّذِينَ أَجۡرَمُواْۖ وَكَانَ حَقًّا عَلَيۡنَا نَصۡرُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ

(ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى قەۋمىگە (پەيغەمبەر قىلپ) ئەۋەتتۇق، ئۇ پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا (ئۆزلىرىنىڭ راست پەيغەمبەرلىكلىرىنى ئىسپاتلايدىغان) نۇرغۇن روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى (ئۇلار مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىپ ئاسىيلىق قىلدى). ئاسىيلىق قىلغانلارنى جازالىدۇق، مۆمىنلەرگە ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىك بولدى
Surah Ar-Room, Verse 47


ٱللَّهُ ٱلَّذِي يُرۡسِلُ ٱلرِّيَٰحَ فَتُثِيرُ سَحَابٗا فَيَبۡسُطُهُۥ فِي ٱلسَّمَآءِ كَيۡفَ يَشَآءُ وَيَجۡعَلُهُۥ كِسَفٗا فَتَرَى ٱلۡوَدۡقَ يَخۡرُجُ مِنۡ خِلَٰلِهِۦۖ فَإِذَآ أَصَابَ بِهِۦ مَن يَشَآءُ مِنۡ عِبَادِهِۦٓ إِذَا هُمۡ يَسۡتَبۡشِرُونَ

ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ بۇلۇتنى قوزغايدۇ، ئاندىن ئۇنى ئاسماندا خالىغىنى بويىچە تارقىتىدۇ، (گاھى) ئۇنى تارقاق پارچىلارغا بۆلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يامغۇرنىڭ بۇلۇتنىڭ ئارىسىدىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، ئاللاھ يامغۇرنى خالىغان بەندىلىرىنىڭ ئۈستىگە ياغدۇرغان چاغدا، ئۇلار دەرھال خۇشال بولۇپ كېتىدۇ
Surah Ar-Room, Verse 48


وَإِن كَانُواْ مِن قَبۡلِ أَن يُنَزَّلَ عَلَيۡهِم مِّن قَبۡلِهِۦ لَمُبۡلِسِينَ

ھالبۇكى، ئۇلار يامغۇر يېغىشتىن بۇرۇن ھەقىقەتەن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن ئىدى
Surah Ar-Room, Verse 49


فَٱنظُرۡ إِلَىٰٓ ءَاثَٰرِ رَحۡمَتِ ٱللَّهِ كَيۡفَ يُحۡيِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَآۚ إِنَّ ذَٰلِكَ لَمُحۡيِ ٱلۡمَوۡتَىٰۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٞ

ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ نەتىجىلىرىگە قارىغىنكى، ئۇ زېمىننى ئۆلگەندىن كېيىن قانداق تىرىلدۈرىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگۈچىدۇر، ئاللاھ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر
Surah Ar-Room, Verse 50


وَلَئِنۡ أَرۡسَلۡنَا رِيحٗا فَرَأَوۡهُ مُصۡفَرّٗا لَّظَلُّواْ مِنۢ بَعۡدِهِۦ يَكۡفُرُونَ

ئەگەر بىز (زىرائەتكە زىيانلىق) شامالنى ئەۋەتسەك، ئۇلار (شامالنىڭ تەسىرىدىن) زىرائەتنىڭ سارغىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسە، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئىلگىرىكى نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلىدۇ
Surah Ar-Room, Verse 51


فَإِنَّكَ لَا تُسۡمِعُ ٱلۡمَوۡتَىٰ وَلَا تُسۡمِعُ ٱلصُّمَّ ٱلدُّعَآءَ إِذَا وَلَّوۡاْ مُدۡبِرِينَ

شۈبھىسىزكى، سەن ئۆلۈكلەرگە (سۆزۈڭنى) ئاڭلىتالمايسەن، ئارقىسىغا قاراپ يۈز ئۆرۈگەن گاسلارغىمۇ چاقىرىقىڭنى ئاڭلىتالمايسەن
Surah Ar-Room, Verse 52


وَمَآ أَنتَ بِهَٰدِ ٱلۡعُمۡيِ عَن ضَلَٰلَتِهِمۡۖ إِن تُسۡمِعُ إِلَّا مَن يُؤۡمِنُ بِـَٔايَٰتِنَا فَهُم مُّسۡلِمُونَ

كورلارنىمۇ گۇمراھلىقتىن قۇتقۇزۇپ توغرا يولغا سالالمايسەن، سەن پەقەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغىلا (سۆزۈڭنى) ئاڭلىتالايسەن، ئۇلار مۇسۇلمانلاردۇر
Surah Ar-Room, Verse 53


۞ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَكُم مِّن ضَعۡفٖ ثُمَّ جَعَلَ مِنۢ بَعۡدِ ضَعۡفٖ قُوَّةٗ ثُمَّ جَعَلَ مِنۢ بَعۡدِ قُوَّةٖ ضَعۡفٗا وَشَيۡبَةٗۚ يَخۡلُقُ مَا يَشَآءُۚ وَهُوَ ٱلۡعَلِيمُ ٱلۡقَدِيرُ

ئاللاھ سىلەرنى ئاجىز ياراتتى، ئاندىن سىلەرنى ئاجىزلىقتىن كۈچلۈك قىلدى، ئاندىن (سىلەرنى) كۈچلۈكلۈكتىن ئاجىز قىلدى ۋە (سىلەرگە) قېرىلىقنى يەتكۈزدى، ئاللاھ نېمىنى خالىسا شۇنى يارىتىدۇ، ئۇ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر
Surah Ar-Room, Verse 54


وَيَوۡمَ تَقُومُ ٱلسَّاعَةُ يُقۡسِمُ ٱلۡمُجۡرِمُونَ مَا لَبِثُواْ غَيۡرَ سَاعَةٖۚ كَذَٰلِكَ كَانُواْ يُؤۡفَكُونَ

ەت قايىم بولغان كۈندە (گۇناھكارلار (دۇنيادا) پەقەت ئازغىنا ۋاقىت تۇرغانلىقىغا قەسەم قىلىدۇ، ئۇلار دۇنيادىكى چاغلىرىدىمۇ مۇشۇنداق يالغانچىلىق قىلاتتى
Surah Ar-Room, Verse 55


وَقَالَ ٱلَّذِينَ أُوتُواْ ٱلۡعِلۡمَ وَٱلۡإِيمَٰنَ لَقَدۡ لَبِثۡتُمۡ فِي كِتَٰبِ ٱللَّهِ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡبَعۡثِۖ فَهَٰذَا يَوۡمُ ٱلۡبَعۡثِ وَلَٰكِنَّكُمۡ كُنتُمۡ لَا تَعۡلَمُونَ

ئىلمى بار، ئىمانى بار ئادەملەر ئېيتتى: «سىلەر ئاللاھنىڭ تەقدىرى بويىچە (دۇنيادا ۋە قەبرىلەردە) قىيامەت كۈنىگۈچە قالدىڭلار، مانا بۇ قىيامەت كۈنىدۇر، لېكىن سىلەر بىلمەيتتىڭلار (يەنى قىيامەتنىڭ ھەقلىقىغا ئىشەنمەيتتىڭلار)»
Surah Ar-Room, Verse 56


فَيَوۡمَئِذٖ لَّا يَنفَعُ ٱلَّذِينَ ظَلَمُواْ مَعۡذِرَتُهُمۡ وَلَا هُمۡ يُسۡتَعۡتَبُونَ

بۇ كۈندە زالىملارنىڭ (ئېيتقان) ئۆزرىسىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ، ئۇلاردىن ئۇلارنىڭ (تەۋبە قىلىشى يا ئىتائەت قىلىشى بىلەن) ئاللاھنى رازى قىلىشىمۇ تەلەپ قىلىنمايدۇ
Surah Ar-Room, Verse 57


وَلَقَدۡ ضَرَبۡنَا لِلنَّاسِ فِي هَٰذَا ٱلۡقُرۡءَانِ مِن كُلِّ مَثَلٖۚ وَلَئِن جِئۡتَهُم بِـَٔايَةٖ لَّيَقُولَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوٓاْ إِنۡ أَنتُمۡ إِلَّا مُبۡطِلُونَ

شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇ قۇرئاندا كىشىلەرگە تۈرلۈك مىساللارنى بايان قىلدۇق، ئەگەر سەن ئۇلارغا (قۇرئان ئايەتلىرىدىن) بىرەر ئايەتنى كەلتۈرسەڭ، كاپىرلار (دىللىرى قەساۋەتلىشىپ كەتكەنلىكتىن) چوقۇم ئېيتىدۇكى، «سىلەر پەقەت يالغانچىلار سىلەر»
Surah Ar-Room, Verse 58


كَذَٰلِكَ يَطۡبَعُ ٱللَّهُ عَلَىٰ قُلُوبِ ٱلَّذِينَ لَا يَعۡلَمُونَ

(ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى) بىلمەيدىغان (كۇففار) لارنىڭ دىللىرىنى مۇشۇنداق پېچەتلەيمىز
Surah Ar-Room, Verse 59


فَٱصۡبِرۡ إِنَّ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٞۖ وَلَا يَسۡتَخِفَّنَّكَ ٱلَّذِينَ لَا يُوقِنُونَ

(ئى مۇھەممەد!) (مۇشرىكلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە) سەۋر قىلغىن، ئاللاھنىڭ (ساڭا نۇسرەت ئاتا قىلىش ۋە دىنىڭنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش) ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، (ئاخىرەتكە) ئىشەنمەيدىغانلار سېنى يەڭگىلتەك قىلىپ قويمىسۇن
Surah Ar-Room, Verse 60


Author: Shaykh Muhammad Saleh


<< Surah 29
>> Surah 31

Uighur Translations by other Authors


Uighur Translation By Muhammad Saleh
Uighur Translation By Shaykh Muhammad Saleh
Popular Areas
Apartments for rent in Dubai Apartments for rent Abu Dhabi Villas for rent in Dubai House for rent Abu Dhabi Apartments for sale in Dubai Apartments for sale in Abu Dhabi Flat for rent Sharjah
Popular Searches
Studios for rent in UAE Apartments for rent in UAE Villas for rent in UAE Apartments for sale in UAE Villas for sale in UAE Land for sale in UAE Dubai Real Estate
Trending Areas
Apartments for rent in Dubai Marina Apartments for sale in Dubai Marina Villa for rent in Sharjah Villa for sale in Dubai Flat for rent in Ajman Studio for rent in Abu Dhabi Villa for rent in Ajman
Trending Searches
Villa for rent in Abu Dhabi Shop for rent in Dubai Villas for sale in Ajman Studio for rent in Sharjah 1 Bedroom Apartment for rent in Dubai Property for rent in Abu Dhabi Commercial properties for sale
© Copyright Dubai Prayer Time. All Rights Reserved
Designed by Prayer Time In Dubai