Surah Al-Ahzab Verse 19 - Uighur Translation by Shaykh Muhammad Saleh
Surah Al-Ahzabأَشِحَّةً عَلَيۡكُمۡۖ فَإِذَا جَآءَ ٱلۡخَوۡفُ رَأَيۡتَهُمۡ يَنظُرُونَ إِلَيۡكَ تَدُورُ أَعۡيُنُهُمۡ كَٱلَّذِي يُغۡشَىٰ عَلَيۡهِ مِنَ ٱلۡمَوۡتِۖ فَإِذَا ذَهَبَ ٱلۡخَوۡفُ سَلَقُوكُم بِأَلۡسِنَةٍ حِدَادٍ أَشِحَّةً عَلَى ٱلۡخَيۡرِۚ أُوْلَـٰٓئِكَ لَمۡ يُؤۡمِنُواْ فَأَحۡبَطَ ٱللَّهُ أَعۡمَٰلَهُمۡۚ وَكَانَ ذَٰلِكَ عَلَى ٱللَّهِ يَسِيرٗا
ئۇلار سىلەرگە (ياردەمدە بولۇشقا) بېخىلدۇر، ئەگەر (ئۇلارغا دۈشمەن تەرەپتىن) خەۋپ كېلىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ساڭا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان ئادەمدەك (قورقۇنچتىن) كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. قورقۇنچ كەتكەندە، ئۇلار پۇل ـ مالغا ئاچكۆز بولغان ھالدا سىلەرنى كەسكىن تىللار بىلەن رەنجىتىدۇ. ئۇلار (چىن دىللىرى بىلەن) ئىمان ئېيتقان ئەمەس. (ئۇلارنىڭ كۇفرى سەۋەبلىك) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلدى، بۇ ئاللاھ ئۈچۈن ئاساندۇر