Surah An-Nisa Verse 140 - Uighur Translation by Shaykh Muhammad Saleh
Surah An-Nisaوَقَدۡ نَزَّلَ عَلَيۡكُمۡ فِي ٱلۡكِتَٰبِ أَنۡ إِذَا سَمِعۡتُمۡ ءَايَٰتِ ٱللَّهِ يُكۡفَرُ بِهَا وَيُسۡتَهۡزَأُ بِهَا فَلَا تَقۡعُدُواْ مَعَهُمۡ حَتَّىٰ يَخُوضُواْ فِي حَدِيثٍ غَيۡرِهِۦٓ إِنَّكُمۡ إِذٗا مِّثۡلُهُمۡۗ إِنَّ ٱللَّهَ جَامِعُ ٱلۡمُنَٰفِقِينَ وَٱلۡكَٰفِرِينَ فِي جَهَنَّمَ جَمِيعًا
ئاللاھ كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) سىلەرگە نازىل قىلدىكى، سىلەر ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنىڭ ئىنكار قىلىنىۋاتقان ۋە مەسخىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، ئۇلار (يەنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان كاپىرلار) باشقا پاراڭغا كىرىشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار. بولمىسا (گۇناھتا) ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالىسىلەر، ئاللاھ ھەقىقەتەن مۇناپىقلارنىڭ ۋە كاپىرلارنىڭ ھەممىسىنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە توپلايدۇ