Surah Al-Maeda Verse 11 - Uighur Translation by Shaykh Muhammad Saleh
Surah Al-Maedaيَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱذۡكُرُواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ عَلَيۡكُمۡ إِذۡ هَمَّ قَوۡمٌ أَن يَبۡسُطُوٓاْ إِلَيۡكُمۡ أَيۡدِيَهُمۡ فَكَفَّ أَيۡدِيَهُمۡ عَنكُمۡۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلۡيَتَوَكَّلِ ٱلۡمُؤۡمِنُونَ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن (سىلەرنى دۈشمىنىڭلاردىن ساقلىغانلىق) نېمىتىنى ئەسلەڭلار. ئەينى زاماندا بىر جامائە سىلەرگە قوللىرىنى ئۇزاتماقچى (يەنى سىلەرنى ئۆلتۈرمەكچى) بولغان ئىدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توستى (يەنى سىلەرنى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ساقلىدى). ئاللاھتىن (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاش، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن) قورقۇڭلار، مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن