Surah Al-Maeda Verse 23 - Uighur Translation by Shaykh Muhammad Saleh
Surah Al-Maedaقَالَ رَجُلَانِ مِنَ ٱلَّذِينَ يَخَافُونَ أَنۡعَمَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِمَا ٱدۡخُلُواْ عَلَيۡهِمُ ٱلۡبَابَ فَإِذَا دَخَلۡتُمُوهُ فَإِنَّكُمۡ غَٰلِبُونَۚ وَعَلَى ٱللَّهِ فَتَوَكَّلُوٓاْ إِن كُنتُم مُّؤۡمِنِينَ
ئاللاھتىن قورققۇچىلاردىن بولغان، ئاللاھنىڭ (ئىمان بىلەن تائەتتىن ئىبارەت) نېمىتىگە ئېرىشكەن ئىككى ئادەم (يەنى كالب ئىبن يەفۇننە بىلەن يۇشە ئىبن نۇن) ئۇلارغا: «(شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرىڭلار، (شەھەرنىڭ) دەرۋازىسىدىن ھۇجۇم قىلىپ كىرسەڭلار، چوقۇم غەلىبە قىلىسىلەر، ئەگەر (ئاللاھنىڭ ۋەدە قىلغان ياردىمىگە) ئىشەنسەڭلار، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىڭلار» دېدى