Surah Al-Mujadila Verse 7 - Uighur Translation by Shaykh Muhammad Saleh
Surah Al-Mujadilaأَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۖ مَا يَكُونُ مِن نَّجۡوَىٰ ثَلَٰثَةٍ إِلَّا هُوَ رَابِعُهُمۡ وَلَا خَمۡسَةٍ إِلَّا هُوَ سَادِسُهُمۡ وَلَآ أَدۡنَىٰ مِن ذَٰلِكَ وَلَآ أَكۡثَرَ إِلَّا هُوَ مَعَهُمۡ أَيۡنَ مَا كَانُواْۖ ثُمَّ يُنَبِّئُهُم بِمَا عَمِلُواْ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٌ
ئاللاھنىڭ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ ئۈچ ئادەم پىچىرلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ تۆتىنچىسىدۇر، بەش ئادەم پىچىرلىشىدىكەن، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئالتىنچىسىدۇر، مەيلى ئۇنىڭدىن ئاز ياكى كۆپ ئادەم پىچىرلاشسۇن، ئۇلار قەيەردە بولمىسۇن، ئاللاھ ھامان ئۇلار بىلەن بىللىدۇر، ئاندىن قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئاللاھ ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر