Surah Al-Qalam - Uighur Translation by Shaykh Muhammad Saleh
نٓۚ وَٱلۡقَلَمِ وَمَا يَسۡطُرُونَ
نۇن. قەلەم بىلەن ۋە ئۇلار يازغان نەرسىلەر بىلەن قەسەمكى
Surah Al-Qalam, Verse 1
مَآ أَنتَ بِنِعۡمَةِ رَبِّكَ بِمَجۡنُونٖ
(مۇھەممەد!) سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ نېمىتى بىلەن، (مۇشرىكلار ئېيتقاندەك) مەجنۇن ئەمەسسەن
Surah Al-Qalam, Verse 2
وَإِنَّ لَكَ لَأَجۡرًا غَيۡرَ مَمۡنُونٖ
مۇقەررەركى، سەن ئەلۋەتتە ئۆكسۈمەس ساۋابقا ئېرىشىسەن
Surah Al-Qalam, Verse 3
وَإِنَّكَ لَعَلَىٰ خُلُقٍ عَظِيمٖ
(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن
Surah Al-Qalam, Verse 4
فَسَتُبۡصِرُ وَيُبۡصِرُونَ
كەلگۈسىدە قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى سەن كۆرۈسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ[5ـ]
Surah Al-Qalam, Verse 5
بِأَييِّكُمُ ٱلۡمَفۡتُونُ
كەلگۈسىدە قايسىڭلارنىڭ مەجنۇن ئىكەنلىكىنى سەن كۆرۈسەن، ئۇلارمۇ كۆرىدۇ[5ـ]
Surah Al-Qalam, Verse 6
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعۡلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِۦ وَهُوَ أَعۡلَمُ بِٱلۡمُهۡتَدِينَ
شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ
Surah Al-Qalam, Verse 7
فَلَا تُطِعِ ٱلۡمُكَذِّبِينَ
ئىنكار قىلغۇچىلارغا ئىتائەت قىلمىغىن
Surah Al-Qalam, Verse 8
وَدُّواْ لَوۡ تُدۡهِنُ فَيُدۡهِنُونَ
ئۇلار سېنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مادارا قىلىشىڭنى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ (سەن بىلەن) مادارا قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ
Surah Al-Qalam, Verse 9
وَلَا تُطِعۡ كُلَّ حَلَّافٖ مَّهِينٍ
قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن[10ـ]
Surah Al-Qalam, Verse 10
هَمَّازٖ مَّشَّآءِۭ بِنَمِيمٖ
قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن[10ـ]
Surah Al-Qalam, Verse 11
مَّنَّاعٖ لِّلۡخَيۡرِ مُعۡتَدٍ أَثِيمٍ
قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن[10ـ]
Surah Al-Qalam, Verse 12
عُتُلِّۭ بَعۡدَ ذَٰلِكَ زَنِيمٍ
قەسەمخور، پەس، غەيۋەتخور، سۇخەنچى، بېخىل، ھەددىدىن ئاشقۇچى، گۇناھكار، قوپال، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھارامدىن بولغان ئادەم (يەنى ۋەلىد ئىبن مۇغىرە) گە ئىتائەت قىلمىغىن[10ـ]
Surah Al-Qalam, Verse 13
أَن كَانَ ذَا مَالٖ وَبَنِينَ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ھېكايىلىرىدۇر»، دەيدۇ[14ـ]
Surah Al-Qalam, Verse 14
إِذَا تُتۡلَىٰ عَلَيۡهِ ءَايَٰتُنَا قَالَ أَسَٰطِيرُ ٱلۡأَوَّلِينَ
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز ئۇنىڭغا ئوقۇپ بېرىلسە، ئۇنىڭ مال ـ مۈلكى ۋە ئوغۇللىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، «(بۇ) بۇرۇنقىلارنىڭ ھېكايىلىرىدۇر»، دەيدۇ[14ـ]
Surah Al-Qalam, Verse 15
سَنَسِمُهُۥ عَلَى ٱلۡخُرۡطُومِ
ئۇنىڭ بۇرنىنى داغلاپ بەلگە سالىمىز
Surah Al-Qalam, Verse 16
إِنَّا بَلَوۡنَٰهُمۡ كَمَا بَلَوۡنَآ أَصۡحَٰبَ ٱلۡجَنَّةِ إِذۡ أَقۡسَمُواْ لَيَصۡرِمُنَّهَا مُصۡبِحِينَ
شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنى (يەنى مەككە مۇشرىكلىرىگە ئوخشاش ۋەھىينى ئىنكار قىلغانلارنى) مەلۇم باغنىڭ ئىگىلىرىنى سىنىغاندەك (قەھەتچىلىك، ئاچارچىلىققا دۇچار قىلىش بىلەن) سىنىدۇق. ئۇلار (يەنى باغنىڭ ئىگىلىرى) ئۇنىڭ مېۋىلىرىنى (كەمبەغەللەر ئۇقمىسۇن، ئۇلارغا ھېچ نەرسە بەرمەيلى دېيىشىپ) سەھەردىلا ئۈزۈۋېلىشقا قەسەم ئىچىشكەن ئىدى
Surah Al-Qalam, Verse 17
وَلَا يَسۡتَثۡنُونَ
ئۇلار خۇدا خالىسا دېمىگەن ئىدى
Surah Al-Qalam, Verse 18
فَطَافَ عَلَيۡهَا طَآئِفٞ مِّن رَّبِّكَ وَهُمۡ نَآئِمُونَ
ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ئازاب (يەنى يانغىن) نازىل بولۇپ، باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى[19ـ]
Surah Al-Qalam, Verse 19
فَأَصۡبَحَتۡ كَٱلصَّرِيمِ
ئۇلار ئۇخلاۋاتقاندا، باغقا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ئازاب (يەنى يانغىن) نازىل بولۇپ، باغ (كۆيۈپ) قاپقارا كۈلدەك بولۇپ قالدى[19ـ]
Surah Al-Qalam, Verse 20
فَتَنَادَوۡاْ مُصۡبِحِينَ
ئۇلار: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ، ئەتىگەندە بىر ـ بىرىنى توۋلاشتى[21ـ]
Surah Al-Qalam, Verse 21
أَنِ ٱغۡدُواْ عَلَىٰ حَرۡثِكُمۡ إِن كُنتُمۡ صَٰرِمِينَ
ئۇلار: «ئەگەر (مېۋىلەرنى) ئۈزمەكچى بولساڭلار باغقا بېرىڭلار» دەپ، ئەتىگەندە بىر ـ بىرىنى توۋلاشتى[21ـ]
Surah Al-Qalam, Verse 22
فَٱنطَلَقُواْ وَهُمۡ يَتَخَٰفَتُونَ
ئۇلار ماڭدى، يولدا كېتىۋېتىپ: «بۈگۈن باغقا ھەرگىز بىر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» دېيىشىپ پىچىرلاشتى[23 ـ]
Surah Al-Qalam, Verse 23
أَن لَّا يَدۡخُلَنَّهَا ٱلۡيَوۡمَ عَلَيۡكُم مِّسۡكِينٞ
ئۇلار ماڭدى، يولدا كېتىۋېتىپ: «بۈگۈن باغقا ھەرگىز بىر مىسكىنمۇ كىرمىسۇن» دېيىشىپ پىچىرلاشتى[23 ـ]
Surah Al-Qalam, Verse 24
وَغَدَوۡاْ عَلَىٰ حَرۡدٖ قَٰدِرِينَ
ئۇلار: «(مىسكىنلەرنى باغقا كىرىشتىن) توسىيالايمىز دېگەن ئوي بىلەن، ئەتىگەندە تۇرۇشتى
Surah Al-Qalam, Verse 25
فَلَمَّا رَأَوۡهَا قَالُوٓاْ إِنَّا لَضَآلُّونَ
ئۇلار باغنىڭ (كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى) كۆرۈپ: «بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق، ياق بىز (باغنىڭ مېۋىسىدىن) قۇرۇق قېلىپتۇق» دېدى[26ـ]
Surah Al-Qalam, Verse 26
بَلۡ نَحۡنُ مَحۡرُومُونَ
ئۇلار باغنىڭ (كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى) كۆرۈپ: «بىز ھەقىقەتەن ئېزىپ قېلىپتۇق، ياق بىز (باغنىڭ مېۋىسىدىن) قۇرۇق قېلىپتۇق» دېدى[26ـ]
Surah Al-Qalam, Verse 27
قَالَ أَوۡسَطُهُمۡ أَلَمۡ أَقُل لَّكُمۡ لَوۡلَا تُسَبِّحُونَ
ئۇلارنىڭ ياخشىسى (يەنى ئەڭ ئەقىللىقى): «سىلەر نېمىشقا ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ تەسبىھ ئېيتمايسىلەر دېمىگەنمىدىم؟» دېدى
Surah Al-Qalam, Verse 28
قَالُواْ سُبۡحَٰنَ رَبِّنَآ إِنَّا كُنَّا ظَٰلِمِينَ
ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز! سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىزكى، بىز (مىسكىنلەرنىڭ ھەققىنى مەنئى قىلىش بىلەن) ھەقىقەتەن زۇلۇم قىلغۇچىلاردىن بولدۇق» دېدى
Surah Al-Qalam, Verse 29
فَأَقۡبَلَ بَعۡضُهُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖ يَتَلَٰوَمُونَ
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ـ بىرگە قارىشىپ ئۆز ئارا مالامەت قىلىشتى
Surah Al-Qalam, Verse 30
قَالُواْ يَٰوَيۡلَنَآ إِنَّا كُنَّا طَٰغِينَ
ئۇلار دېيىشتى: «ۋاي ھالىمىزغا! بىز ھەقىقەتەن ھەددىمىزدىن ئېشىپتۇق
Surah Al-Qalam, Verse 31
عَسَىٰ رَبُّنَآ أَن يُبۡدِلَنَا خَيۡرٗا مِّنۡهَآ إِنَّآ إِلَىٰ رَبِّنَا رَٰغِبُونَ
ئۇمىدكى، پەرۋەردىگارىمىز بىزگە بۇنىڭدىن ياخشىراق باغنى بەرگەي، بىز ئەلۋەتتە پەرۋەردىگارىمىزدىن ئۈمىد قىلغۇچىلارمىز»
Surah Al-Qalam, Verse 32
كَذَٰلِكَ ٱلۡعَذَابُۖ وَلَعَذَابُ ٱلۡأٓخِرَةِ أَكۡبَرُۚ لَوۡ كَانُواْ يَعۡلَمُونَ
ئازاب مانا مۇشۇنداقتۇر (يەنى قۇرەيشكىمۇ باغ ئىگىلىرىگە چۈشكەن ئازاب چۈشىدۇ). ئەگەر ئۇلار بىلسە، ئاخىرەتنىڭ ئازابى تېخىمۇ قاتتىقتۇر
Surah Al-Qalam, Verse 33
إِنَّ لِلۡمُتَّقِينَ عِندَ رَبِّهِمۡ جَنَّـٰتِ ٱلنَّعِيمِ
تەقۋادارلار پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ھەقىقەتەن نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردىن بەھرىمەن بولىدۇ
Surah Al-Qalam, Verse 34
أَفَنَجۡعَلُ ٱلۡمُسۡلِمِينَ كَٱلۡمُجۡرِمِينَ
بىز مۇسۇلمانلارنى كاپىرلار بىلەن باراۋەر قىلامدۇق؟
Surah Al-Qalam, Verse 35
مَا لَكُمۡ كَيۡفَ تَحۡكُمُونَ
سىلەرگە نېمە بولدى؟ قانداقسىگە مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر
Surah Al-Qalam, Verse 36
أَمۡ لَكُمۡ كِتَٰبٞ فِيهِ تَدۡرُسُونَ
ياكى سىلەردە (ئاسماندىن نازىل بولغان) بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىلەرگە (قىيامەت كۈنى) خالىغىنىڭلار بار، دېگەننى ئوقۇدۇڭلارمۇ؟[37ـ]
Surah Al-Qalam, Verse 37
إِنَّ لَكُمۡ فِيهِ لَمَا تَخَيَّرُونَ
ياكى سىلەردە (ئاسماندىن نازىل بولغان) بىر كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىلەرگە (قىيامەت كۈنى) خالىغىنىڭلار بار، دېگەننى ئوقۇدۇڭلارمۇ؟[37ـ]
Surah Al-Qalam, Verse 38
أَمۡ لَكُمۡ أَيۡمَٰنٌ عَلَيۡنَا بَٰلِغَةٌ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ إِنَّ لَكُمۡ لَمَا تَحۡكُمُونَ
ياكى سىلەرنىڭ ھۆكۈم قىلغان نەرسەڭلارنىڭ بولۇشى ئۈچۈن بىز سىلەر بىلەن قىيامەت كۈنى ئاندىن ۋاقتى توشىدىغان مەھكەم بىر ئەھدى تۈزۈشكەنمۇ؟
Surah Al-Qalam, Verse 39
سَلۡهُمۡ أَيُّهُم بِذَٰلِكَ زَعِيمٌ
ئۇلاردىن سوراپ باققىنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قايسىسى يۇقىرىقى ئىشلارغا كېپىللىك قىلالايدۇ؟
Surah Al-Qalam, Verse 40
أَمۡ لَهُمۡ شُرَكَآءُ فَلۡيَأۡتُواْ بِشُرَكَآئِهِمۡ إِن كَانُواْ صَٰدِقِينَ
ياكى ئۇلارنىڭ (يۇقىرىقى ئىشلارغا كېپىللىك قىلىدىغان شېرىكلىرى) بارمۇ؟ ئەگەر ئۇلار (دەۋاسىدا) راستچىل بولسا، شېرىكلىرىنى كەلتۈرۈپ باقسۇن
Surah Al-Qalam, Verse 41
يَوۡمَ يُكۡشَفُ عَن سَاقٖ وَيُدۡعَوۡنَ إِلَى ٱلسُّجُودِ فَلَا يَسۡتَطِيعُونَ
ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئىش قىيىنلىشىدۇ. ئۇلار (ئىمانىنى سىناش ئۈچۈن) سەجدە قىلىشقا چاقىرىلىدۇ، ئۇلار سەجدە قىلالمايدۇ
Surah Al-Qalam, Verse 42
خَٰشِعَةً أَبۡصَٰرُهُمۡ تَرۡهَقُهُمۡ ذِلَّةٞۖ وَقَدۡ كَانُواْ يُدۡعَوۡنَ إِلَى ٱلسُّجُودِ وَهُمۡ سَٰلِمُونَ
ئۇلار (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمايدۇ، ئۇلارغا خارلىق يۈزلىنىدۇ، ئۇلار (دۇنيادا) ساغلام چاغلىرىدا سەجدىگە دەۋەت قىلىنغان ئىدى (ئۇلار سەجدىدىن باش تارتاتتى)
Surah Al-Qalam, Verse 43
فَذَرۡنِي وَمَن يُكَذِّبُ بِهَٰذَا ٱلۡحَدِيثِۖ سَنَسۡتَدۡرِجُهُم مِّنۡ حَيۡثُ لَا يَعۡلَمُونَ
بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلغانلارنى ماڭا قويۇۋەتكىن، ئۇلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا ـ ئاستا ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىمىز
Surah Al-Qalam, Verse 44
وَأُمۡلِي لَهُمۡۚ إِنَّ كَيۡدِي مَتِينٌ
ئۇلارغا مۆھلەت بېرىمەن. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ تەدبىرىم پۇختىدۇر
Surah Al-Qalam, Verse 45
أَمۡ تَسۡـَٔلُهُمۡ أَجۡرٗا فَهُم مِّن مَّغۡرَمٖ مُّثۡقَلُونَ
ياكى ئۇلاردىن (دىنغا دەۋەت قىلغانلىقىڭغا) ھەق سوراپ، ئۇلارنىڭ (ئىقتىسادىي) يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتىڭمۇ؟
Surah Al-Qalam, Verse 46
أَمۡ عِندَهُمُ ٱلۡغَيۡبُ فَهُمۡ يَكۡتُبُونَ
ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا غەيب (يەنى غەيبنى ئىچىگە ئالغان لەۋھۇلمەھپۇز) بار بولۇپ، ئۇلار (ئېيتىدىغانلىرىنى شۇنىڭغا) يازامدۇ؟
Surah Al-Qalam, Verse 47
فَٱصۡبِرۡ لِحُكۡمِ رَبِّكَ وَلَا تَكُن كَصَاحِبِ ٱلۡحُوتِ إِذۡ نَادَىٰ وَهُوَ مَكۡظُومٞ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، (ئالدىراڭغۇلۇقتا، زېرىككەكلىكتە) بېلىقنىڭ ساھىبىغا (يەنى يۇنۇسقا) ئوخشاش بولمىغىن. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ (بېلىقنىڭ قارنىدا تۇرۇپ) غەمكىن ھالدا پەرۋەردىگارىغا ئىلتىجا قىلدى
Surah Al-Qalam, Verse 48
لَّوۡلَآ أَن تَدَٰرَكَهُۥ نِعۡمَةٞ مِّن رَّبِّهِۦ لَنُبِذَ بِٱلۡعَرَآءِ وَهُوَ مَذۡمُومٞ
ئەگەر ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نېمىتىگە ئېرىشمىسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇ (قىلمىشىغا) مالامەت قىلىنغان ھالدا (دەرەخمۇ يوق، تاغمۇ يوق) بىر دالىغا تاشلانغان بولاتتى
Surah Al-Qalam, Verse 49
فَٱجۡتَبَٰهُ رَبُّهُۥ فَجَعَلَهُۥ مِنَ ٱلصَّـٰلِحِينَ
پەرۋەردىگارى ئۇنى (پەيغەمبەرلىككە) تاللىدى، ئۇنى ياخشىلاردىن قىلدى
Surah Al-Qalam, Verse 50
وَإِن يَكَادُ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ لَيُزۡلِقُونَكَ بِأَبۡصَٰرِهِمۡ لَمَّا سَمِعُواْ ٱلذِّكۡرَ وَيَقُولُونَ إِنَّهُۥ لَمَجۡنُونٞ
كاپىرلار قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا (ساڭا بولغان دۈشمەنلىكىنىڭ قاتتىقلىقىدىن يامان) كۆزلىرى بىلەن سېنى يىقىتىۋېتىشكە تاس قالىدۇ. سېنى: «شۈبھىسىز بىر مەجنۇن» دېيىشىدۇ
Surah Al-Qalam, Verse 51
وَمَا هُوَ إِلَّا ذِكۡرٞ لِّلۡعَٰلَمِينَ
قۇرئان پەقەت تامام ئەھلى جاھان ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر
Surah Al-Qalam, Verse 52