Surah AL-Infitar - Uighur Translation by Shaykh Muhammad Saleh
إِذَا ٱلسَّمَآءُ ٱنفَطَرَتۡ
ئاسمان يېرىلغان چاغدا[1]،
Surah AL-Infitar, Verse 1
وَإِذَا ٱلۡكَوَاكِبُ ٱنتَثَرَتۡ
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا[2]،
Surah AL-Infitar, Verse 2
وَإِذَا ٱلۡبِحَارُ فُجِّرَتۡ
دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا[3]،
Surah AL-Infitar, Verse 3
وَإِذَا ٱلۡقُبُورُ بُعۡثِرَتۡ
قەبرىلەر ئاستى ـ ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا[4]،
Surah AL-Infitar, Verse 4
عَلِمَتۡ نَفۡسٞ مَّا قَدَّمَتۡ وَأَخَّرَتۡ
ھەر ئادەم ئىلگىرى ـ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ
Surah AL-Infitar, Verse 5
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلۡإِنسَٰنُ مَا غَرَّكَ بِرَبِّكَ ٱلۡكَرِيمِ
ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟
Surah AL-Infitar, Verse 6
ٱلَّذِي خَلَقَكَ فَسَوَّىٰكَ فَعَدَلَكَ
ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى
Surah AL-Infitar, Verse 7
فِيٓ أَيِّ صُورَةٖ مَّا شَآءَ رَكَّبَكَ
سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى
Surah AL-Infitar, Verse 8
كَلَّا بَلۡ تُكَذِّبُونَ بِٱلدِّينِ
ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ كەرەمىگە مەغرۇر بولماڭلار). (ئى مەككە كۇففارلىرى!) بەلكى سىلەر دىننى ئىنكار قىلىسىلەر
Surah AL-Infitar, Verse 9
وَإِنَّ عَلَيۡكُمۡ لَحَٰفِظِينَ
ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار
Surah AL-Infitar, Verse 10
كِرَامٗا كَٰتِبِينَ
ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ
Surah AL-Infitar, Verse 11
يَعۡلَمُونَ مَا تَفۡعَلُونَ
ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ
Surah AL-Infitar, Verse 12
إِنَّ ٱلۡأَبۡرَارَ لَفِي نَعِيمٖ
مۆمىنلەر شەك ـ شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ[13]،
Surah AL-Infitar, Verse 13
وَإِنَّ ٱلۡفُجَّارَ لَفِي جَحِيمٖ
كاپىرلار شەك ـ شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ
Surah AL-Infitar, Verse 14
يَصۡلَوۡنَهَا يَوۡمَ ٱلدِّينِ
ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ
Surah AL-Infitar, Verse 15
وَمَا هُمۡ عَنۡهَا بِغَآئِبِينَ
ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ
Surah AL-Infitar, Verse 16
وَمَآ أَدۡرَىٰكَ مَا يَوۡمُ ٱلدِّينِ
قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
Surah AL-Infitar, Verse 17
ثُمَّ مَآ أَدۡرَىٰكَ مَا يَوۡمُ ٱلدِّينِ
قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟
Surah AL-Infitar, Verse 18
يَوۡمَ لَا تَمۡلِكُ نَفۡسٞ لِّنَفۡسٖ شَيۡـٔٗاۖ وَٱلۡأَمۡرُ يَوۡمَئِذٖ لِّلَّهِ
ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىش قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم ئاللاھقا خاستۇر
Surah AL-Infitar, Verse 19