Surah Al-Inshiqaq - Uighur Translation by Shaykh Muhammad Saleh
إِذَا ٱلسَّمَآءُ ٱنشَقَّتۡ
ئاسمان يېرىلغان[1]،
Surah Al-Inshiqaq, Verse 1
وَأَذِنَتۡ لِرَبِّهَا وَحُقَّتۡ
پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا[2]،
Surah Al-Inshiqaq, Verse 2
وَإِذَا ٱلۡأَرۡضُ مُدَّتۡ
زېمىن سوزۇلغان[3]،
Surah Al-Inshiqaq, Verse 3
وَأَلۡقَتۡ مَا فِيهَا وَتَخَلَّتۡ
قوينىدىكى نەرسىلەرنى (يەنى ئۆلۈكلەرنى، مەدەنلەرنى) سىرتقا چىقىرىپ قۇرۇقدىلىپ قالغان[4]،
Surah Al-Inshiqaq, Verse 4
وَأَذِنَتۡ لِرَبِّهَا وَحُقَّتۡ
پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاپ ئىتائەت قىلغان، پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرىنى ئاڭلاشقا، ئىتائەت قىلىشقا لايىق بولغان چاغدا (ئىنسان خىيالىغا كەلمىگەن دەھشەتلىك ئەھۋاللارغا يولۇقىدۇ)
Surah Al-Inshiqaq, Verse 5
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلۡإِنسَٰنُ إِنَّكَ كَادِحٌ إِلَىٰ رَبِّكَ كَدۡحٗا فَمُلَٰقِيهِ
ئى ئىنسان! سەن ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭغا مۇلاقات بولغىنىڭغا قەدەر (ئۆز ئىشىڭدا) سەئيى ـ ئىجتىھات قىلىسەن (يەنى ئەمەلىڭنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىسەن)
Surah Al-Inshiqaq, Verse 6
فَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ
نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ[7ـ]
Surah Al-Inshiqaq, Verse 7
فَسَوۡفَ يُحَاسَبُ حِسَابٗا يَسِيرٗا
نامە ـ ئەمالى ئوڭ تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەمدىن ئاسان ھېساب ئېلىنىدۇ[7ـ]
Surah Al-Inshiqaq, Verse 8
وَيَنقَلِبُ إِلَىٰٓ أَهۡلِهِۦ مَسۡرُورٗا
(ئۇ جەننەتتىكى) ئائىلىسىگە خۇشال ـ خۇرام قايتىدۇ
Surah Al-Inshiqaq, Verse 9
وَأَمَّا مَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ وَرَآءَ ظَهۡرِهِۦ
نامە ـ ئەمالى ئارقا تەرىپىدىن بېرىلگەن ئادەم
Surah Al-Inshiqaq, Verse 10
فَسَوۡفَ يَدۡعُواْ ثُبُورٗا
«ۋاي» دەپ توۋلايدۇ (يەنى ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىدۇ)[11]،
Surah Al-Inshiqaq, Verse 11
وَيَصۡلَىٰ سَعِيرًا
دوزاخقا كىرىدۇ
Surah Al-Inshiqaq, Verse 12
إِنَّهُۥ كَانَ فِيٓ أَهۡلِهِۦ مَسۡرُورًا
چۈنكى ئۇ (دۇنيادىكى چېغىدا) ئائىلىسىدە شاد ـ خۇرام ئىدى
Surah Al-Inshiqaq, Verse 13
إِنَّهُۥ ظَنَّ أَن لَّن يَحُورَ
ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتمايمەن دەپ گۇمان قىلدى
Surah Al-Inshiqaq, Verse 14
بَلَىٰٓۚ إِنَّ رَبَّهُۥ كَانَ بِهِۦ بَصِيرٗا
ئۇنداق ئەمەس، (يەنى ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ). پەرۋەردىگارى ھەقىقەتەن ئۇنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر
Surah Al-Inshiqaq, Verse 15
فَلَآ أُقۡسِمُ بِٱلشَّفَقِ
شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى[16ـ18]،
Surah Al-Inshiqaq, Verse 16
وَٱلَّيۡلِ وَمَا وَسَقَ
شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى[16ـ18]،
Surah Al-Inshiqaq, Verse 17
وَٱلۡقَمَرِ إِذَا ٱتَّسَقَ
شەپەق (يەنى كۈن پاتقاندىن كېيىنكى ئۇپۇقتىكى قىزىللىق) بىلەن، كېچە ۋە ئۇنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقان نەرسىلەر بىلەن، نۇرى كامالەتكە يەتكەن ئاي (يەنى تولۇن ئاي) بىلەن قەسەمكى[16ـ18]،
Surah Al-Inshiqaq, Verse 18
لَتَرۡكَبُنَّ طَبَقًا عَن طَبَقٖ
سىلەر جەزمەن بىر ھالدىن يەنە بىر ھالغا يۆتكىلىپ تۇرىسىلەر
Surah Al-Inshiqaq, Verse 19
فَمَا لَهُمۡ لَا يُؤۡمِنُونَ
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نېمىشقا ئىمان ئېيتمايدۇ؟
Surah Al-Inshiqaq, Verse 20
وَإِذَا قُرِئَ عَلَيۡهِمُ ٱلۡقُرۡءَانُ لَا يَسۡجُدُونَۤ۩
ئۇلارنىڭ يېنىدا قۇرئان ئوقۇلغان چاغدا نېمىشقا سەجدە قىلمايدۇ؟
Surah Al-Inshiqaq, Verse 21
بَلِ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ يُكَذِّبُونَ
بەلكى كاپىرلار (ھەقىقەتنى) ئىنكار قىلىدۇ
Surah Al-Inshiqaq, Verse 22
وَٱللَّهُ أَعۡلَمُ بِمَا يُوعُونَ
ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئاللاھ ئوبدان بىلىدۇ
Surah Al-Inshiqaq, Verse 23
فَبَشِّرۡهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ
ئۇلارغا قاتتىق ئازاب بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن
Surah Al-Inshiqaq, Verse 24
إِلَّا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّـٰلِحَٰتِ لَهُمۡ أَجۡرٌ غَيۡرُ مَمۡنُونِۭ
پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئۈزۈلمەس ساۋابقا ئېرىشىدۇ
Surah Al-Inshiqaq, Verse 25