Surah Al-Maeda Verse 45 - Uighur Translation by Shaykh Muhammad Saleh
Surah Al-Maedaوَكَتَبۡنَا عَلَيۡهِمۡ فِيهَآ أَنَّ ٱلنَّفۡسَ بِٱلنَّفۡسِ وَٱلۡعَيۡنَ بِٱلۡعَيۡنِ وَٱلۡأَنفَ بِٱلۡأَنفِ وَٱلۡأُذُنَ بِٱلۡأُذُنِ وَٱلسِّنَّ بِٱلسِّنِّ وَٱلۡجُرُوحَ قِصَاصٞۚ فَمَن تَصَدَّقَ بِهِۦ فَهُوَ كَفَّارَةٞ لَّهُۥۚ وَمَن لَّمۡ يَحۡكُم بِمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ فَأُوْلَـٰٓئِكَ هُمُ ٱلظَّـٰلِمُونَ
ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) غا تەۋراتتا شۇنداق بەلگىلىدۇقكى، جانغا جان (يەنى ناھەق ئادەم ئۆلتۈرگەن ئۆلتۈرۈلىدۇ)، كۆزگە كۆز (يەنى كىشىنىڭ كۆزىنى ناھەق قۇيۇۋەتكەن ئادەمنىڭ كۆزى قۇيۇۋېتىلىدۇ)، بۇرۇنغا بۇرۇن (يەنى كىشىنىڭ بۇرنىنى ناھەق كەسكەننىڭ بۇرنى كېسىلىدۇ)، قۇلاققا قۇلاق (يەنى كىشىنىڭ قۇلىقىنى ناھەق كەسكەننىڭ قۇلىقى كېسىلىدۇ)، چىشقا چىش (يەنى كىشىنىڭ چىشىنى ناھەق تۆككەننىڭ چىشى تۆكۈلىدۇ) ۋە (كىشىنى) قانداق يارىدار قىلغان بولسا شۇنداق يارىدار قىلىنىش بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ. كىمكى (جىنايەتچىنى) ئەپۇ قىلسا (يەنى ئۇنىڭدىن قىساس ئالمىسا)، بۇ ئۇنىڭ (گۇناھى) غا كەففارەت بولىدۇ، ئاللاھ نازىل قىلغان ئايەتلەر بويىچە ھۆكۈم قىلمايدىغان كىشىلەر زالىملاردۇر