Surah Al-Maeda Verse 46 - Uighur Translation by Shaykh Muhammad Saleh
Surah Al-Maedaوَقَفَّيۡنَا عَلَىٰٓ ءَاثَٰرِهِم بِعِيسَى ٱبۡنِ مَرۡيَمَ مُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهِ مِنَ ٱلتَّوۡرَىٰةِۖ وَءَاتَيۡنَٰهُ ٱلۡإِنجِيلَ فِيهِ هُدٗى وَنُورٞ وَمُصَدِّقٗا لِّمَا بَيۡنَ يَدَيۡهِ مِنَ ٱلتَّوۡرَىٰةِ وَهُدٗى وَمَوۡعِظَةٗ لِّلۡمُتَّقِينَ
ئۇلارنىڭ (يەنى بەنى ئىسرائىل پەيغەمبەرلىرىنىڭ) ئارقىسىدىن ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى (يەنى ئۇنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى) تەستىقلىغۇچى ئىيسا ئىبنى مەريەمنى ئەۋەتتۇق. ئۇنىڭغا ھىدايەت بىلەن نۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنجىلنى ئاتا قىلدۇق، (ئىنجىل) ئۆزىدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان تەۋراتنى تەستىقلىغۇچىدۇر (يەنى ئۇنىڭغا مۇۋاپىقتۇر)، تەقۋادارلارغا ھىدايەت ۋە پەند ـ نەسىھەتتۇر